خىتايدا ئەڭ چوڭ ئەتكەسچى تۈرمىدە، مەنپەئەت ئالغان ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلەر مەركەزدە
2011.07.26
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-ئىيۇل كۈنى بايان قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى شامېن يۇەنخۇا دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسىنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى، خىتايدا يۈز بەرگەن پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى، خوتەندە يۈز بەرگەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، نورۋېگىيەدە يۈز بەرگەن چوڭ پارتلاش ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان كانادا، ئامېرىكا، خىتاي، ياپونىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ باش سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ. ئەگەر گۇگۇلدىن ئىزلىسىڭىز، بۇ ھەقتە ئازا دېگەندە 550 مىڭ پارچە ئۇچۇر چىقىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار خىتايدا قاتتىق كونترول ئاستىدا. چۈنكى بۇ ۋەقەلەر خىتايدا «قول كۆيىدىغان» قېيىن مەسىلىلەر. ئەگەر ئوقۇرمەنلەر خىيانەتچىلىك دېمەي ئاددىي ئىش دەپ، خوتەن ۋەقەسى دېمەي ۋەقە دەپ، نورۋېگىيەدىكى چوڭ پارتلاش دېمەي خەلقئارا خەۋەر دەپ، خىتايدىكى پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى دېمەي ۋەتەن خەۋەرلىرى دەپ يېزىپ ئىزدىسە، خىتاي كونترول قىلىۋالغان ئىنتېرنېتلەردىمۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايدۇ.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارادا گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شامېن يۇەنخۇا دېلوسى بىۋاسىتە خىتاي مەركىزى كومىتېتىغا چېتىلىغان چوڭ دېلو. بۇ دېلونىڭ باش جىنايەتچىسى لەي چاڭشىڭ فۇجەندىكى بىر دېھقان ئىدى. ئۇ، 1990-يىللاردا شامېن يۇەنخۇا شىركىتىنى قۇرۇپ، ئەتكەسچىلىك قىلىشقا باشلىغان، ئۇنىڭ ئەتكەسچىلىكى ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك ۋە دەخلى-تەرۇزسىز داۋاملاشقان. بۇ ئەڭ چوڭ ئەتكەسچى ئەينى ۋاقىتتا جاڭ زېمىننىڭ كاتىپلىرىدىن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى بىۋاسىتە ئۇقۇپ تۇرغان. ئۇ، يەرلىك ۋە مەركەزدىكى ئەمەلدارلارنى، ھەتتا خىتاي گېنېراللىرىنى بېيىتقان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن رەئىسى، بەشىنچى ئەۋلاد ئىز باسار شى جىنپىڭ شامېننىڭ شەھەر باشلىقى، ھازىرقى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش باشلىقى جا چىڭلىن فۇجەننىڭ ئۆلكە باشلىقى ئىدى.
شامېن يۇەنخۇا دېلوسى 1999-يىلى 4-ئايدا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇ دېلونىڭ باش جىنايەتچىسى لەي چاڭشىڭ 8-ئايدا خوڭكوڭ پاسپورتى بىلەن كاناداغا قېچىپ كەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى 2002-يىلى ئۇنى 50 مىليارد يۈەن باج ئوغرىلىدى دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا، بۇ دېلوغا چېتىلغان خىيانەتچىلەردىن 14 كە ئۆلۆم جازاسى، 2 گە مۇددتسىز قاماق جازاسى، 58 گە ئوخشىمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، كانادا ئۆلۆم جازاسىغا قارشى دۆلەت بولغاچقا، لەي چاڭشىڭنى خىتايغا قايتۇرمىغان.
كانادا ھۆكۈمىتى 12 يىل تەكشۈرگەندىن كېيىن، يۇەنخۇا دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسى لەي چاڭشىڭنىڭ كانادادا پاناھلىنىشىنى رەت قىلىپ، ئۇنى 23-ئىيۇل كۈنى خىتايغا قايتۇردى. خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كاناداغا، لەي چاڭشىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەسلىككە ۋەدە بېرىپ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى 24-ئىيۇل كۈنى قولغا ئالدى. ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاشقا ۋە ئادۋوكات تۇتۇپ قانۇننى بىلىپ تۇرۇشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتايدا ئېنگىلىزچە چىقىدىغان خەلق گېزىتى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، يۇەنخۇا دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسى لەي چاڭشىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن، دەپ بايان قىلدى.
لەي چاڭشىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان كۈنىلا، خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتى ئەينى ۋاقىتتا لەي چاڭشىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىپ تۇرغان جاڭ زېمىننىڭ بىرىچى چوڭ كاتىپى جا يەنئەننى گېنېراللىققا ئۆستۈردى.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى، خىتايغا نەزەر قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇنازىرە بەتلىرىدە، خەلق ئىچىدىن نامسىز يېزىلغان ئوبزورلار ھەر كۈنى توختىماي ئېلان قىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مۇنازىرىلەردە، شامېن يۇەنخۇا دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسى لەي چاڭشىنىڭ ھازىر خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى «قول كۆيدۈرىدىغان» قېيىن مەسىلە دېگەن قاراش ئورتاق كۆز قاراش. ئەمما بۇ ئورتاق كۆز قاراشتىكىلىلەرنىڭ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى كونكرېت كۆز قاراشلىرىدا چوڭ پەرق بار.
بېزىلەر، لەي چاڭشىڭنىڭ ئەتكەسچىلىكىدىن مەنپەئەت ئېلىپ بېيىغان ۋە مەنسىپى ئۆسكەن ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلەر ئىچىدە، يەنى مەركەزدە ئەمدى «چوڭ يەر تەۋرەش» يۈز بېرىشى مۇمكىن، دەيدۇ. بېزىلەر، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان خۇ جىنتاۋ ئەمدى، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جاڭ زېمىننىڭ خىيانەتچىلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ھەتتا ئىزباسارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن، دەيدۇ.
يەنە بېزىلەر، ئەڭ چوڭ ئەتكەسچى جىنايەتچىمۇ، ئۇنىڭدىن يۈز مىليونلاپ مەنپەئەت ئالغان مەركەزدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلەرمۇ، ھەممىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى. لەي چاڭشىڭنىڭ ئەتكەسچىلىك قىلىشىغا تاموژنىنى ئېچىپ بەرگەنلەرمۇ شۇلار. مەسىلە ئاشكارىلىنىپ قالغاندا، لەي چاڭشىڭنى قاچۇرۇۋەتلەرلەرمۇ شۇلار. لەي چاڭشىڭ قاچقاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆز بولمىغان خىيانەتچىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرمىگە قاماپ بولدى. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى كانادادا بىر تەرەپتىن ئېغزىنى يۇمماي ھەممە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىۋەتكەن، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىنى «ئىئانە» بېرىش ئارقىلىق بۇلغاپ بولغان بۇ باش جىنايەتچىنى قايتۇرۇپ كېلىپ تۈرمىگە تاشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنىلا، ئۇنىڭ ئېغزىنى بۇغۇۋېتىپ، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى داۋاملىق كو نترول قىلىۋېلىپ، ئۆزلىرى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان مەنپەئەتلەرنى ۋە ئەمەل-مەنسەپلىرىنى ساقلاپ قېلىۋېرىشى مۇمكىن دەيدۇ.