خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى قازافىينى تۇتۇش قارارى چىقاردى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى تۈنۈگۈن 2011-يىلى 27-ئىيۇن كۈنى كازافىي، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سەيفۇل ئىسلام ۋە لىۋىيە دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا سەنۇسىي قاتارلىق ئۈچ كىشىنى تۇتۇش ھەققىدە قارار ئېلان قىلغان.

0:00 / 0:00

شۇنىڭ بىلەن كازافىي سۇدان رەئىسى ئۆمەر بەشىردىن كېيىنكى ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرۇپ ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككىنچى دۆلەت باشلىقى ھېسابلىنىدىكەن.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى28-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، «كازافىينى تۇتۇش بۇيرۇقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «27-ئىيۇن كۈنى لاھايدا كازافىي، سەيفۇل ئىسلام ۋە ئابدۇللا سەنۇسىي قاتارلىق ئۈچ كىشىنى تۇتۇش ھەققىدە قارار ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ قارار خەلقئارادا كۆپلىگەن سىياسىيونلارنىڭ، تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. قارار ئېلان قىلىنغان ھامان لىۋىيىدىكى ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان مىللىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مۇستافا ئابدۇلجېلىل بۇ قارارنىڭ ناھايىتى توغرا بولغانلىقى بىلدۈرگەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاندىرى ئەمدى كازافىينىڭ ئىشى تۈگىدى دېگەن. ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ بۇ قارارنى كۈچلەندۈرگەن ۋە كازافىي يېقىنلىرىنى ئۇنىڭدىن ۋازكېچىشكە چاقىرغان. خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ قارىلىغۇچىسى لوۋىس مورىنۇ ئوكامبۇ كازافىي، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە ئابدۇللا سەنۇسىي قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ 15-فېۋرال كۈنىدىن بىرى لىۋىيىدە ئەڭ ۋەھشىي شەكىلدە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ئۇلارنى تۇتۇش ھەققىدىكى تەلەپنى 16-ماي كۈنى مەھكىمگە سۇنغان ئىدى. ئوكامبۇغا كۆرە، كازافىي لىۋىيىدە ئېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش، قىيناش ۋە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ۋەھشىي جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن، كازافىينىڭ 39ياشلىق چوڭ ئوغلى سەيفۇل ئىسلام لىۋىيىگە چەتئەللەردىن پۇلغا سېتىلغانلارنى ئېلىپ كېلىپ، نامايىشچىلارغا قارشى ئۇلارنى قوراللاندۇرغانلىق جىنايىتى بىلەن، لىۋىيە دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا سەنۇسىي كازافىينىڭ يان تايىقى بولۇپ، ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا ياردەم بەرگەن ۋە نامايىشچىلارنى ئېتىش بۇيرۇقىنى بەرگەن جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.»

تۈنۈگۈن 27-ئىيۇن كۈنى قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مەركىزى لاھايدىن ئابدۇلۋاھىد قۇدۇس مۇنداق بايانات بەرگەن ئىدى: «بۈگۈن كازافىي ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ياندىشى ھەققىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھمىسى تۇتۇش قارارىنى چىقاردى. قاراردىن كېيىن ھەر تەرەپتىن ئالقىشلار ياغدى. چۈنكى بۇ مىڭلارچە بىگۇناھ ئىنساننىڭ قېنىنى تۆككەن جىنايەتچىلەر ھەققىدىكى ھۆكۈم ئىدى.»

كازافىي ئۆزى ھەققىدىكى تۇتۇش قارارىنى ئەمەلگە ئاشمايدىغان قارار دېدى

«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 28-ئىيۇن سانىدا، قاھىرە شەھىرىدىن خالىد مەھمۇدنىڭ «كازافىي ھەققىدىكى تۇتۇش قارارىنى ئەمەلگە ئاشمايدىغان قارار دېدى» دېگەن تېمىدىكى بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇنداق دەپ يېزىلغان: «كازافىي خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى كۆزگە ئېلىپ قويمىدى ۋە ئۇنى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدىغان قارار دەپ سانىدى. لىۋىيىلىك بىر مەسئۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە كازافىينى ئۆزىنىڭ يانداشلىرىغا نۇتۇق سۆزلەشكە ھازىرلانماقتا. لىۋىيىلىك يەنە بىر مەسئۇل كازافىي تۇتۇش قارارىنى قەغەز يۈزىدىكى قارا سىيادىن باشقا نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ، كازافىينى قوغداش يولىدا جېنىنى پىدا قىلىدىغان مىليونلىغان لىۋىيىلىكلەر بارلىقىنى سۆزلىدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا لىۋىيىدىكى كازافىي يانداشلىرى كازافىينى تۇتۇش قارارىدىن ھېچ چۆچۈمىگەن.»