بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ قارارى بويىچە لىۋىيىدە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەپ، قوزغىلاڭچىلارنى كازافىينىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ئۈچۈن، كازافىينىڭ ھاۋا مۇداپىئە نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغان ئامېرىكا-ياۋروپا بىرلەشمە قىسىملىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش لازىم دەپ جاكارلىدى. شۇنداقلا يەنە، ھەر قانداق مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ترىپولىدىن بايان قىلىشىچە، غەرب بىرلەشمە قىسىملىرى ب د ت نىڭ قارارىغا ئاساسەن، لىۋىيىدە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەپ، كازافىيغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن خەلقنى كازافىينىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ئۈچۈن، كازافىينىڭ ھاۋا مۇداپىئە كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىپ، ھاۋا ھۇجۇمىنى ئۈچ كېچە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، بۈگۈن كازافىي قىسىملىرى تاكتىكا ئۆزگەرتىپ، قۇرۇقلۇقتىن تانكا، زەمبىرەك قاتارلىق ئېغىر قوراللار بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئىگىلىگەن شەھەرلەرگە ھۇجۇم باشلىدى. كازافىي بۈگۈن ھۇجۇم باشلىغان ئىككى شەھەرنىڭ بىرى لىۋىيىنىڭ غەربىدىكى مىسراتا، يەنە بىر تۇنىسقا يېقىن جايدىكى زىنتان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ F-15 تىپلىق بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانى مىخاينىكىلىك چاتاق چىقىپ ھاۋا بوشلۇقىدىن چۈشۈپ كەتتى، ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ بىرىنى كازافىيغا قارشى قوزغىلاڭچىلار ئۇچراتتى، يەنە بىرى تېخى نامەلۇم.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا-ئامېرىكا بىرلەشمە قىسىملىرى، ب د ت نىڭ 1973-نومۇرلۇق قارارىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، لىۋىيىگە ھاۋادىن ئۈچ كېچە ھۇجۇم قىلىپ بولغان ۋە ھازىر بۇنداق ھۇجۇمنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، شۇنداقلا، بۈگۈن كازافىي قىسىملىرى قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت قىلىپ، كازافىيغا قارشى قوزغىلاڭچىلار ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرگە ھۇجۇم باشلىغان ئەھۋال ئاستىدا، خەلقئارادىكى كازافىيغا قارشى كۈچ بىرلىكىدە ئىختىلاپ پەيدا بولدى.
ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ب د ت نىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى ناتوغا ئۆتكۈزۈزپ بېرىشنى ياقلايدۇ. ئەمما، فرانسىيە بۇ تەشەببۇسنى قوللىمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ب د ت نىڭ قارارىنى قوللايدىغان جەنۇبىي ئافرىقىمۇ بۈگۈن دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ناتونىڭ ئەزاسى تۈركىيە بولسا، لىۋىيىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمى ۋاقىتلىق ھەرىكەت بولۇشى كېرەك، ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا لىۋىيىنى ئىشغال قىلىۋالىدىغان مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن، لىۋىيىگە ئارىلىشىشنى «ئەسلى سېلىپ» چىلىك دەپ ئەيىبلىدى. ئەمدى لىۋىيىدە ئىككىنچى قەدەمنى قانداق بېسىش كېرەك، بۇ ھازىر خەلقئارادا مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلە.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرىمۇ بۈگۈن، كازافىينى تەختىن چۈشۈرۈش ياكى چۈشۈرمەسلىكتىن ئىبارەت لىۋىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا، چەتئەللەر ھەربىي ھۇجۇم بىلەن ئارىلاشماسلىقى كېرەك، دەپ پىكىر بايان قىلدى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى جوھن بوينېر پرېزىدېنت ئوبامادىن، لىۋىيە مەسىلىسىدە زادى نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىگە ئوچۇق ئېيتىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى رىچارد لۇگارمۇ، ئوبامانىڭ ھازىر لىۋىيىدە زادى كىمنى قوللايدىغانلىقى، يەنى ھازىر كازافىيغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئوخشىمىغان مەزھەپتىكى كىشىلەرنىڭ قايسىنى قوللايدىغانلىقى تېخىچە نامەلۇم، بۇ مەسىلە ئېنىق بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
بۈگۈن ب ب س نىڭ مۇنازىرە بېتىدە ئېلان قىلىنغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يېزىلغان 50 تىن ئارتۇق خىتايچە ياكى ئىنگلىزچە ئوبزورلاردا، خىتاينىڭ بۈگۈن ئامېرىكا-ياۋروپا بىرلەشمە قىسىملىرىغا قارشى قىلغان سۆزلىرىگە باھا بېرىلگەن. بىر ئوبزوردا، ب د ت نىڭ لىۋىيىدە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش ھەققىدىكى قارارىنى ماقۇللايدىغاندا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يېتىم قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قارشى ئاۋاز قويمىغان، شۇ ۋاقىتتا بۇ قارارغا قارشى تۇرالمىغان خىتاي، ئەمدى نومۇس قىلماي بۇ قارارغا قارشى سۆزلەۋاتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر ئوبزوردا، خىتاي خەلقئارا بىرلەشمە قىسىملىرىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمگە قارىتا ئاتقان ئوقىدىن قورقۇپ كەتتى، ھازىر جۆيلۈۋاتىدۇ، دەپ يېزىلغان.