شىنجاڭ ئۇنىۋېرسېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىق خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى


2004.09.10

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى، 1924 -يىلى شىنجاڭ رۇس تىلى سىياسىي قانۇن مەخسۇس مەكتىپى دىگەن نامدا قۇرۇلۇپ، شۇندىن ئېتىۋارەن مەكتەپ نامى بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، 1935 -يىلى 1 - ئايدا شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇندىن كېيىن يەنە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ، 1960 - يىلى 10 -ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى رەسمىي يوسۇندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دەپ ئاتالغان .

2000 - يىلى 12 -ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان .

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىجتىمائى پەن ، تەبىئى پەن،سانائەت، قانۇن ، ئىقتىساد، ئىگىلىك باشقۇرۇش،تارىخ، پەلسەپە، سەنئەت قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە فاكۇلتىتلارغا بۆلۈنۈپ،ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلغاندىن سىرت، 8 تەتقىقات مەركىزى، 5 دوكتۇرلۇق مەركىزى قاتارلىق مەخسۇس نۇقتىلار بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدىكەن .

مەلۇماتلارغا قارغاندا، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىدا 43 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن .

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسېتى ئەنە شۇنداق ئۇزۇن تارىخى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىردىن - بىر نۇقتىلىق ئۇىنۋېرسىتېتلاردىن بولۇپلا قالماستىن، خىتاي بويىچىمۇ نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ھىساپلىنىدۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، مەزكۈر ئۇنىۋېرسىتېتتا يولغا قويۇلىۋاتقان نۆۋەتتىكى مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايوننىڭ ئاپتۇنومىيە قانۇنىغا زىت بولۇپ، نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسېتىتلاردىن ھىسپالانغان شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇتۇش خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلدىكەن .

نۆۋەتتە، مەركىزى گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە ھىس قىلماقتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ سېپىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئوچۇق - ئاشكارە ئاسمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىدىن ئىبارەت دەپ تەكىتلىدى .

ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسېتېتىدا مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئانا تىل مائارىپىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2004 -يىلى 5 - ئايدا مەكتەپتىن قوغلانغان ئوقۇغۇچى نىجات ھازىر ياۋرۇپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولغان .

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپتىن قوغلۇنۇش سەۋەپلىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.