خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان مائارىپ ئادىللىقى نەدە؟

خىتاي خەلق تورى 13-نويابىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزىنىڭ «جۇڭگونىڭ مائارىپ ئادىللىقى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە خىتاي كومپارتىيىسى 16-قۇرۇلتايدىن بۇيان مائارىپ ئادىللىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى دەپ تەشۋىق قىلدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.11.15
xitay-18-qurultay-sehne-305.jpg خىتاي 18-قۇرۇلتاي يېپىلىش مۇراسىمى سەھنە كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 14-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

ئەمەلىيەتتە يېقىنقى 10 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قوش تىل مائارىپىنى ئاساس قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى سىياسىتى، مىللىي مەكتەپ ۋە مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىسقارتىلىشى، دەرسلىكلەرنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى سەۋەبلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلەپ كېتىشى، يېزىلار بىلەن شەھەرلەردىكى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ سۈپەت پەرقىنىڭ زورىيىپ كېتىشى، يەنىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ نامراتلىقتىن ئوقۇشسىز قېلىشىدەك سەلبىي نەتىجىلەرنى مەيدانغا چىقاردى، ئۇيغۇر زىيالىيلار بۇ جىددىي مەسىلىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا ناھەق سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسىتىدۇ.

خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى قايتا ۋاراقلايدىغان بولساق، «ئادىللىق» دېگەن سۆز ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەتتا خىتاي كومپارتىيىسى مائارىپ سىياسىتىنى شەرھلىگەندىمۇ بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ «جۇڭگو مائارىپ ئادىللىقىنى يولغا قويۇپ ئۇنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي مائارىپ سىياسىتى قىلىپ مائارىپ ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن تەڭ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدىكى ئىككى چوڭ ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە قىلدى ۋە مائارىپ ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە زور قەدەم تاشلاپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى» دەپ كۆرسەتتى.

بۇنىڭ بىلەن مائارىپتا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قوش تىل مائارىپىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەلبىي نەتىجىلىرىگە پۈتۈنلەي كۆز يۇمدى.

ئەمەلىيەتتە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 1-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇڭنىڭ يېقىندا خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، مەكتەپلەرنى قارىغۇلارچە قىسقارتىش، قوشۇۋېتىش تەدبىرلىرى يېقىنقى 10 يىل جەريانىدا خىتايدا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 52.1% ئىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولغاندەك، قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە مەكتەپلەرنى قىسقارتىپ قوشۇۋېتىش يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلغان.

مەكتەپلەرنىڭ قىسقارتىلىشى، ئوقۇتۇش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ چىقىمىنى تېجەپ قېلىشقا پايدىسى بولسىمۇ، مەكتەپلەرنىڭ قىسقارتىلىشى بىلەن ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاتا-ئانىلارنىڭ چىقىمىنى زورايتىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ياتاق، يول ھەم تۇرمۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرۈلمەيدىغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇشسىز قېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

18-قۇرۇلتايدا، خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقتىن چارە-تەدبىر سوراش، خەلقنىڭ ھالىغا يېتىش، خەلقتىن ئەقىل-پاراسەت سوراش، خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خوش ئۇنداقتا، ئۇيغۇر خەلقى مائارىپ ھەققىدە خىتايغا قانداق ئەقىل-پاراسەت كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

جەنۇبتىكى بىر تاغلىق كەنتكە جايلاشقان خارابە مەكتەپنىڭ بىر نامرات ئوقۇتقۇچىسى ئېيتقاندەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرىنىڭ شارائىتىنىڭ ناچار بولۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار مائارىپ تەننەرخىنىڭ تەقسىملىنىشتا تەكشى ۋە ئادىل بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئاقسۇدا 15 يىلدىن بۇيان باشلانغۇچ مەكتەپتە مائاشىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا چىداپ، تەتىلدىمۇ ئارام ئالماي ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىمۇ دەم ئالماي نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇشقا سۈكۈت قىلىپ، بالىلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۈن ‏-تۈنسىز جاپا چېكىۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى تۈپەيلى بالىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ يا ئانا تىلى، يا خىتايچىدا ساۋاتى چىقمايۋاتقانلىقىغا چىدىماي ئاخىرى بىزگە «مائارىپتىكى ئادىللىق قېنى» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.

توقسۇندىكى بۇ 30 يىللىق ئوقۇتقۇچىنى ئەپسۇسلاندۇرۇۋاتقىنى، قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ تەجرىبىلىك مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنى قىسقارتىشقا، مىللىي مائارىپنى يوقىتىشقا قارىتىلغان سىياسەت بولۇپ قىلىۋاتقانلىقى.

ئامېرىكىدىكى ئوپتىكا ئالىمى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوللىنىلىۋاتقان مائارىپ سىياسىتىنىڭ مائارىپنى ئەسلى مەقسىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ بىر سىياسىي قورالغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ كەلگۈسىدە مىللەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى قىياس قىلماق تەسلىكىنى، ھەتتا بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ خىتاي ئۈچۈنمۇ بىر تەھدىتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

18-قۇرۇلتايدا خۇ جىنتاۋ مائارىپ ھەققىدە توختالغاندا «مائارىپتىكى ئاساسىي نۇقتىنى چەت، يىراق رايونلار مائارىپىغا، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىغا يۈزلەندۈرۈپ، چەت، يىراق جايلاردىكى ھەر بىر بالىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېدى.

ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدىكى بۇ رېئال مەسىلىلەر، خۇ جىنتاۋنىڭ بايانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقىي ئىپادىسىنى تېپىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە مەسىلىلەرنى تۈزەشتە ئىلمىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىدىن بەلگە بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.