يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى باشچىلىقىدا بىر ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا "تۈركىيە خۇسۇسىي كارخانىچىلار ۋە كەسپى تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى ئۆمەر ۋاردان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى، كېيىن "تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى"نىڭ رەئىسى نىجاتى جەيلان ئەپەندى سۆز قىلدى.
يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فوند ۋە جەمئىيەتلەر ھەققىدە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلىش شۇنداقلا تۈركىيىدىكى بىر قىسىم فوند ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ "تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى"غا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس يازغان بىر قانچە جەمئىيەتنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق ھەققىدە قارار ئېلىش ئىكەن.
تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى 1995 - يىلى ئىستانبۇل شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ فوندىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئىنسانلارنىڭ تىنچ، خاتىرجەم ۋە خۇشال - خورام ياشىشى ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىشى، تەلىم - تەربىيە، مەدەنىيەت، سىياسەت، ساغلىق، مۇھىت ۋە تارىخقا ئوخشاش ئىنسانلارغا ئالاقىدار ئىجتىمائىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان فوند، جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە پۈتكۈل فوند ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ قوللانمىسىدا بەلگىلەنگەن غايە - مەقسەت ۋە پائالىيەتلىرى بۇيىچە بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، ھەمكارلىشىش، ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق خىزمەت قىلىشىتا ھەسسە قوشۇش، جەمئىيەتلەر ئۆز - ئارا مۇناسىۋەت قۇرۇش، تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولىدىغان ئىش - پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىش شۇنداقلا، خىزمەت، ۋاقىت ۋە ئىقتىساد ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى شارائىتلاردىن ئۆز - ئارا پايدىلىنىپ خىزمەت قىلىش فوند، ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارالمىغان ئىش - پائالىيەتلەرنى بۇ فوند ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
تۈركىيە خالىسانە فوندىنىڭ ھازىر 105 فوند ۋە جەمئىيەتلەر ئەزا بولغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ 2007 - يىلى 11 - ئايدا ئەزا بولغان.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
