ياش يازغۇچى كۈرەش ئاتىخاننىڭ مائارىپنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى


2007-08-27
Share

مائارىپ ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، ئادەم مائارىپ ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم بىلەن جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، دۆلەتنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، دۇنيانى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. يېقىندا خىتاي زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان مۇنازىرىلىرىدە 'خىتايدا كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شارائىتىدا مائارىپ %90 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمىدى، بىلىممۇ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمىدى' دەپ قارىدى ۋە بۇ ھەقتە پاكىت كۆرسەتتى. ئەمما ، گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان ياش يازغۇچى كۈرەش ئاتىخاننىڭ خىتايدىكى مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولۇدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى ئۇلاردىن ئۆزگىچە.

ياش يازغۇچى كۆرەش ئاتىخان ئالدى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانداق مائارىپ سىياسىتى قوللانغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.

كۆرەش ئاتىخاننىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلدى، ئەمما ھازىر ئۇيغۇرلار ئەڭ خەتەرلىك گىرۋەككە كېلىپ قالدى.

ئۇيغۇر تىل‏- ئەدەبىياتى، تارىخى ساھەلىرىدە قېتىقىنىپ ئىزلىنىۋاتقان ياش يازغۇچى كۆرەش ئاتىخاننىڭ قارىشىچە، مائارىپ ھامان ئۇيغۇرلارنى بەخت- سۆيگۈگە ۋە جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت