مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ناچار بولماقتا
2005.07.28
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى " ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش" ئۈچۈن، دەپ مەخسۇس "چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلار مۇلازىمەت مەركىزى" قۇرغان ھەمدە مەزكۇر مەركەز ئارقىلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر قىز- يىگىتلىرىنى مالايسىيا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكتە.
بىلىم ئېلىش ئۈچۈن يىلىغا 40-50 مىڭ يۈئەندىن پۇل تۆلەپ مالايسىياغا ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلار، مالايسىيادىكى مەكتىپىگە بارغاندىن كېيىن، ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتىلغاندەك ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلماقتا.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش راسخوتى بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىلار ئوقۇشسىز قالماقتا
- ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىشتە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار (3)
- ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىشتە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار (2)
- ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىشتە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار (1)