مېكېل خانىم: كىتاب، دىكتاتورلار ئۈچۈن تەھدىت، دېموكراتلار ئۈچۈن ئىلھام
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.15
2009.10.15
AFP Photo
خىتاي تەرەپ يەرمەنكىگە، 272 نەشرىيات ئورگىنى ۋە 50 نەچچە يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر قوشۇنى بىلەن ئىشتىراك قىلغان. يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىشىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم بىلەن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلغان. مېكېل خانىم سۆزىدە خىتاينى يالغۇز ماختاشنى ئەمەس، تەنقىدىي پىكىرلەرنىمۇ ئاڭلاشنى ئۆگىنىشكە چاقىرغان. شى جىنپىڭ بولسا، تەرەپلەرنى بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلىرىدىكى پەرقلەرنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
يەرمەنكە ئېچىلىشتىن ئاۋۋال يەنى 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى گېرمانىيىدە يەرمەنكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئىدى. يىغىنغا خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىدىن باشقا، خىتاي ئۆكتىچىلىرىمۇ دەۋەت قىلىنغان ئىدى. ئۆكتىچىلەرنى كۆرگەن خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇلار خىتاي يەرمەنكىگە غەربلىكلەردىن ئىنسان ھەقلىرى ئۈستىدە دەرس ئېلىشقا كەلمىدى دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ نارازىلىق گېرمانىيە مەتبۇئاتىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىم خىتاينىڭ كۆرگەزمىدە ئۆكتىچى پىكىرلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا ئىدى.
مېكېل خانىم خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. مېكېل خانىم " بۇ قېتىم كۆرگەزمىدە ھەر قانداق بىر مۇنازىرىنى چەكلەشكە بولمايدۇ، بۇ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئاساسى" دەپ كۆرسەتكەن. مېكېل خانىم 20 يىلنىڭ ئالدىدا شەرقى گېرمانىيىدە كوممۇنىزمنىڭ يىقىلىشىدا، ئەدەبىياتنىڭ، بولۇپمۇ ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى تەنقىد قىلغان ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: " كىتاب دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ، ئۇ دىكتاتورلار ئۈچۈن تەھدىت، دېموكراتلار ئۈچۈن ئىلھام."
مۇراسىمدا شى جىنپىڭ "مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تېنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرەيلى" دېگەن تىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۆز - ئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ۋە خاتا چۈشىنىشتىن ساقلىنىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ يەنە، ئىدېئولوگىيە، ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە تەرەققىيات شەكلىدىكى پەرقلەر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا توساق ياكى قارشىلىشقا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.
شى جىنپىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغدا، بىر تۈركۈم خىتاي ئۆكتىچىلىرى تۆۋەندە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يازغۇچى ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئوخشىمىغان سورۇندىكى مۇنازىرە مەيدانلىرىدا خىتاينىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرگە تۇتقان پوزىتسىيسى تەنقىد قىلىنغان. خىتايچە ب ب س مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرمەنكىگە قېتىلغان خىتاي ئۆكتىچىلىرى، بۇ قېتىم ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن باراۋەر سۆز پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ پۇرسەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكى، خىتاي تەرەپ بىلەن يەرمەنكە تەشكىللىگۈچىلەر ئارىسىدا ئۇزۇن تالاش - تارتىش بولغانلىقى، يەرمەنكە باشلىقىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولماقتا: " بۇ ئولىمپىك يىغىنى ئەمەس، بۇ بىر كىتاب يەرمەنكىىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن يەرمەنكىدە چەكلىمە ۋە نازارەتكە رۇخسەت يوق."
يەرمەنكە باشلىقى خىتاينىڭ بۇ قېتىم بىرلىكتە ئىش قىلىش جەريانىدا ئۆزلىرىنى بىر تەرەپتىن قىززىقتۇرغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈمىدىسزلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي ھەققىدىكى ئوخشىمىغان تەسىراتلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بىز خىتاينى مەيلى ياخشى كۆرەيلى، مەيلى ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلايلى، مەيلى تەنقىد قىلايلى، ئەمما ئۇنىڭغا دىققەتسىز قالماسلىقىمىز كېرەك."
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىنىڭ پەرقلىق بىر مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەم خىتاينىڭ كۆپ نوپۇسلۇق بولۇشتەك ئالاھىدە ئەھۋالى بارلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ غەربچە دېموكراتىيەنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
غەرب دۆلەتلىرى بولسا، دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەركىن پىكىر قىلىش ۋە ئەركىن تەپەككۈر قىلىشنىڭ بارلىق خەلقلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە چەكلەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.