كانادادىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا مىللەتلەر مەدەنىيەت بايرىمىغا قاتناشتى

0:00 / 0:00

29-ماي كۈنى كانادانىڭ شېربورگ شەھىرىدە خەلقئارا مىللەتلەر مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. 37 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مەتتۇرسۇن ئەپەندى ۋە ماھىرە خانىم قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ – ئادەتلىرىنى تاماشىبىنلارغا تونۇشتۇردى.