گېرمانىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
2010.12.20
بۇ پائالىيەت ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر ئۆيى ياسالغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچىگە بىر ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۆيىدە بولۇشقا تېگىشلىك پۈتۈن ئۆي جابدۇقلىرى قويۇلغان. بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيىدىن كامىل ئابباس ۋە گۈلەندەم قاتارلىق 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان سەنئەت ئۆمىكى كەلگەن.
كۆرگەزمىگە ياۋروپادا تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 30 پارچە رەسىمى قويۇلغان. بۇ كۆرگەزمىدە نۇرنىسا ئىسمايىلوۋا خانىم ئۇيغۇر رىۋايەت ۋە چۆچەكلىرىدىن ئارىيىلەر ئوقۇپ نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر تاماقلىرى سېتىلغان. بۇ پائالىيەتنى سەنئەتكار ۋە كەسپىي رېژىسسور ھوللەندەر خانىم ئۇيۇشتۇرغان. گېرمانىيىنىڭ بوھۇم شەھىرىنىڭ 400 مىڭ نوپۇسى بار بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت كېچىلىكىگە كۆپ ساندا گېرمان قاتناشقان.
بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ھوللەندەر خانىم ۋە ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.