شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 10 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى
دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى ئىنتايىن بۈيۈك. تۈركىيىدە مىڭلارچە ئاممىۋى تەشكىلات پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ بار. تۈرك قانۇنى بويىچە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىككى يىلدا بىر قېتىم سايلام ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-06-23 -
-
-
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ، 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 - 22 - ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ 10 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim
Your browser doesn’t support HTML5 audio
تۈركىيىنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى تۈركىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى. بۇ تەشكىلات 6 - ئاينىڭ 21 - 22 - كۈنلىرى، قەيسەرىدىكى جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە 10 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىردى.
بۇ يىغىنغا جەمىيەت مەسئۇللىرى، ئەزالىرى ۋە تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن كەلگەن كۆزەتكۈچىلەر ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، مالىيە دوكلاتى بېرىلگەندىن كېيىن، ئاممىنىڭ جەمىيەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە بولغان پىكرى ئېلىنغان. خىزمەت دوكلاتىدا 2 يىل جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان 173 پائالىيەت قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلگەن.
22 - كۈنى ئاخشام ئېلىپ بېرىلغان يىغىندا بولسا دېموكراتىيىلىك بىر شەكىلدە سايلام ئېلىپ بېرىلغان، سايلامدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قايتا بۇ جەمىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە، ئەبۇ بېكىر تۈركسوي بىلەن نازىم باتۇخان ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئابدۇلھېكىم سەلچۇق بولسا باش سېكرېتارلىققا، ئابدۇلەزىز ئاقھۇن ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مالى ئىشلىرىغا مەسئۇل باشلىقلىقىغا ئوقتاي بوزقۇرت ئەپەندى سايلانغان بولۇپ، ئىسمەت دوست ئەپەندى بولسا مۇئاۋىن باشلىقلىققا سايلانغان.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يېڭىدىن رەئىس بولۇپ سايلانغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە بۇ يىغىنغا قاتناشقان ژۇرنالىست ۋارىسجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.