خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتىدە، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساس قىلىنىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇتۇلىدىغان بۇ سىستېمىغا كىرمەيدۇ.
خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مائارىپتىكى قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى، پۇقرالارنىڭ بالىلىرىنى تولۇق ھەم ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش چىقىمىنى كۆتۈرەلمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ ئوقۇش چىقىمىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىي مائارىپ پروگراممىسى ئىچىگە كىرگۈزۈش تەلىپى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپىدىكى قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھۆددە قىلغان بولسىمۇ، كېيىنكى ئون يىلغا قەدەر 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى 12 يىغا ئۇزارتىش پىلانى يوق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن.
يەنى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ لياڭ مەتبۇئاتقا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ «كەلگۈسى ئون يىلدا مەجبۇرىيەت مائارىپى يەنىلا توققۇز يىللىق تۈزۈمنى ئاساس قىلىدۇ، ئېلىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۇزارتىش شارائىتى تېخى ھازىرلانمىدى» دېگەن ئىدى.
ئۆتكەن ئاي ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۇزارتىش قايتىدىن يىغىن ۋەكىللىرى ئاغزىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدەك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوش تىللىق مائارىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئالاھىدە جايدا، قوش تىللىق مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئېلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر بىر قارار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، گەرچە ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارار ياكى نىزاملار ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا، كەنتلىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى، ياتاقلاشتۇرۇلۇشى، شۇنداقلا دېھقان بالىلىرىنى تولۇق ئوتتۇرىدا داۋاملىق ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئوقۇش چىقىملىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ھەل قىلىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار، ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي مائارىپنىڭ غەيرىي رەسمىي يوسۇندا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ مەكتەپكە كىرىش يېشىدىكى بالىلارغا ئۈچ يىل قوش تىل يەسلىسىدە تەربىيىلىنىش شەرتى قويۇپ، ئارقىدىنلا يەنە مەجبۇرىي مائارىپنى ئۇزارتىشىدىن ئىبارەت بىر مەسىلىنى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، يېقىن كەلگۈسىدە قوش تىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئۇزارتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارىماقتا، شۇنداقلا ئەگەر مەجبۇرىي مائارىپ ئۇزارتىلغاندا ئۇيغۇرلارغا قايسى جەھەتلەردىن پايدا-زىيانلىرى بولىدۇ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە.
بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگۈچىلەردىن نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر مەجبۇرىي مائارىپنى ئۇزارتقان تەقدىردە خىتايغا نىسبەتەن ئىجابىي رولى بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ھېچقانچە رول ئوينىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا دەرسى ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مائارىپ تەتقىقات ئورگىنى مۇدىرى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي مائارىپنى ئۇزارتقان تەقدىردە، بۇنىڭ پەقەت قوش تىللىق مائارىپىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تېخىمۇ ئۇزاق كونتروللۇقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.