20 يىلدىن بۇيانقى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى قانداق باھالاش كېرەك؟
2006.03.02
خىتاي ھۆكۈمىتى "مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى "نى 1986 يىلى بېكىتكەن بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان مائارىپ ساھەسىدە نۇرغۇن ئىسلاھاتلار ئېلىپ باردى. يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ شۈمىن مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات ھەققىدە توختىلىپ " بۇ ھەقتە بىز زور نەتىجىلەرنى قازاندۇق " دەپ ماختانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا خەلقنىڭ ياردىمىسىز ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىللاردىن بۇيان خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي مائارىپ ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان ھەقسىز بولۇپ باقمىغان.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر
- مائارىپ چىقىمى تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان يېزا بالىلىرى يەنىلا ئوقۇشسىز قالماقتا
- مائارىپ چىقىمى خىتايدا ناھايىتى ئېغىر يۈك بولۇپ قالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى يېزا مائارىپ سىياسىتى قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ؟
- زىيالىيلار خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا مائارىپى ھەققىدە توختالدى