0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمىتى "مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى "نى 1986 يىلى بېكىتكەن بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان مائارىپ ساھەسىدە نۇرغۇن ئىسلاھاتلار ئېلىپ باردى. يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ شۈمىن مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات ھەققىدە توختىلىپ " بۇ ھەقتە بىز زور نەتىجىلەرنى قازاندۇق " دەپ ماختانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا خەلقنىڭ ياردىمىسىز ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىللاردىن بۇيان خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي مائارىپ ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان ھەقسىز بولۇپ باقمىغان.