ميۇنخېندا مەشرەپ باشلاندى
2005.09.07
گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن 4-سېنتەبىر كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى بولغان مەشرەپ بەزمىسىنى باشلىدى.
مەشرەپكە ميۇنخېن ۋە گېرمانىيىنىڭ باشقا جايلاردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەشرەپكە قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىنمۇ مەشرەپكە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، تەبرىك سۆزى قىلدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia