6 - نۆۋەتلىك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىدا مەھمۇت قەشقىرى

6 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان، دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن قاتارلىقلار قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.10.21
Turkish-PM-Erdogan-305.jpg 6 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺭﻩﺟﻪﭖ ﺗﺎﻳﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ ﺳﯚﺯﺩﻩ. ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ قۇرۇلتايغا 34 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 478 بىلىم ئادىمى قاتناشماقتا. 1932 - يىلىدىن بېرى چاقىرىۋاتقان مەزكۇر قۇرۇلتاي 1988 - يىلىدىن تارتىپ 4 يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلماقتا. بۇ قۇرۇلتايدا پەقەت تۈركچە ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارلا ئەمەس، پۈتۈن تۈركىي تىللار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

6 - نۆۋەتلىك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى 2008 - يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەھمۇت قەشقىرىگە ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ 1 - كۈنى مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئابدۇرۇپ پولات، موللانىياز، نۇرگۇل، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىسلام شېرىپ ۋە ياپونىيىدىن كەلگەن قۇتلۇق ئەپەندىلەر قاتناشماقتا. ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ كۆپى مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

بۇ قۇرۇلتايدا نۇقتىلىق ھالدا تۈركىي تىللارنىڭ، ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قېلىشتىكى رولى تەكىتلەندى. بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.