خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى يىغىنى تۈركىيىنىڭ رىزە شەھرىدە رەسمى باشلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنەسكو ( پەن - مەدەنىيەت باشقارمىسى ) 2008 - يىلىنى مەخمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىلماقتا.

0:00 / 0:00

2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۈركىيىنىڭ شىمالىدىكى قارادېڭىز بويىغا جايلاشقان رىزە ۋىلايىتىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى رەسمى باشلاندى.

قازاقىستان، ئەزەربەيجان، مولداۋىيە، ئىران ۋە خىتاي قاتارلىق 11 دۆلەتتىن 113 تۈركولوگ ۋە تارىخچى قاتناشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى رىزە شەھرىدىكى ئىسمايىل قەھرىمان مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رىزە ۋالىسى قاسىم ئەسەن، رىزە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. نازمى تۇران ئوقۇمۇشوغلى ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. يىغىندا يەنە مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسىنى چۈشەندۈرىدىغان فىلىم كۆرسىتىلدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان 113 بىلىم ئادىمى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتمەكچى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدە كۆپ ساندا تەتقىقات ئېلىپ بارغان تونۇلغان بىلىم ئادەملىرى قاتناشماقتا. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، گازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. ۋارىس چاقان، ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى يۈسۈفجان ياسىن، در. ئۆمەرجان نۇرى ۋە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق قاتارلىقلار قاتناشماقتا. ئۇلار مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتمەكچى.

2008 - يىلى مەخمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۈركمەنىستاندا، كېيىن تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 3 خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان ئىدى. بۇ يىغىندىن كېيىن 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە يەنە تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەخمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى گەرچە ئۆز ۋەتەنلىرىدە ئۇلۇغ ئالىمى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى قۇتلىيالمىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇنداق كۆركەملىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ چاقىرىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتۈش بىلەن بىرلىكتە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدا مائارىپ ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.