مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار (1)

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەخمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلمەكتە. بۇ ماقالىلاردا ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باقمىغان يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار ناملىق يىغىندا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن `مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار` تېمىسىدا سۆز قىلدى.

پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇ دەۋىردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرىنى قۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قانداق يوق بولغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، مەخمۇت قەشقىرى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بەزى كۆز قاراشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر دۆلىتى قانداق بىر دۆلەت ئىدى؟ ئۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەتەنلىرىگە قاچان كەلگەن؟ مەخمۇت قەشقىرى ئۇيغۇرمۇ؟

8 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار

پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىگە 700 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق باشلىدى: " مەن مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن، مەخمۇت قەشقىرىدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسىرى 1070 - يىللاردا يېزىلغان. بۇ ئەسەر يېزىلىشتىن بۇرۇن 770 - يىللاردا، ئوردۇ بالىقتىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەختىدە بۇگىخاقان ئولتۇراتتى. 750 - يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان، ئەنلۇشەن قوزغىلىڭى بىلەن قالايمىقان بولۇپ ۋەيران بولغان خىتايلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن دۆلىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى. خىتاي دۆلىتىدىكى قوزغىلاڭلارنى ئۇيغۇرلار باستۇرۇپ بەرگەچكە، ئۇيغۇرلارغا رەخمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى مىڭ توپ يىپەكنى ئۇيغۇر خاقانلىقىغا يەنى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىققا ئەۋەتىپ بېرىدىكەن."

"تاڭنامە" دە بۇ ھەقتە شۇنداق دەپ يېزىلغان: "تاڭ خاندانلىقى غەزىنىسى قۇرۇپ، دۆلەت كادىرلىرىغا مائاش بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، تاڭ خاندانلىقى ھەر يىل ئۇيغۇرلارغا 100 مىڭ توپ يىپەك ئەۋەتەتتى. ئۇيغۇرلار خىتايغا بېرىپ كېلىپ يۈرۈپ كۆنۈپ قالغان بولغاچقا ھەر يىلى باھار پەسلىدە خىتاينىڭ پايتەختى چاڭئەنگە بارىدىكەن. ئۇيغۇرلار تىجارەتكە ماھىر بولغاچقا داۋاملىق خىتايدىن مال ئېلىپ تىجارەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلار خىتايلارغا بىر ئات بېرىپ 40 توپ يىپەك ئالىدىكەن. يەنە خىتاي مەنبەلىرىدە، 773 - يىلىدا خىتايلار ئۇيغۇر دۆلىتىگە رەخمەت ئېيتىش ئۈچۈن مىڭ ئات ھارۋىسى يىپەكنى ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئاپىرىپ بەرگەنلىكى يېزىلغان."

800 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلار

پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە 800 - يىللارنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "800 - يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلسەك، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ تەختىدە ئەدىس خاندانلىرىدىن ئالت ئۇلۇغ بىلگە خاقان ئولتۇرۇۋاتاتتى. يېنىسەي بويلىرىدا بولسا قىرغىزلار بار ئىدى، ئالت ئۇلۇغ بىلگە خاقان قىرغىزلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 400 مىڭ ئەسكىرى بار قىرغىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى. ئۇيغۇرلار قىرغىزلارنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن. 820 - يىلىغا كەلگەندە تامىن بىنباھ ئىسىملىك بىر ئەرەپ ساياھەتچى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىق شەھىرىگە بارغان بولۇپ، ئۇ ساياھەتنامىسىدە ئۇيغۇر دۆلىتىدە كۆرگەنلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: `ئوردۇبالىق ئىنتايىن چوڭ بىر شەھەر ئىكەن، شەھەرنىڭ ئەتراپى تېرىلغۇ يەر ۋە مېۋە باغلىرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، خەلقى ئىنتايىن باي ئىكەن. خەلقى بايلىق ئىچىدە باياشات ياشايدىكەن. خەلقى مانى دىنىغا ئېتىقات قىلىدىكەن.` ئەرەپ ساياھەتچى كىتابىدا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: `ئۇيغۇرلارنىڭ 17 قەبىلىسى بار، ھەر قەبىلىنىڭ قەبىلە رەئىسىگە قاراشلىق 13 مىڭ ئەسكىرى بار، بۇلاردىن باشقا خاقاننىڭ قول ئاستىدا 12 مىڭ ھەربىي بار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جەمى 333 مىڭ ئەسكىرى بار ئىكەن."

ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى

پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىدە 839 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ چۆكۈشكە قاراپ يۈز تۇتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "ناچار بىر ۋەزىيەت، ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ 839 - يىلىغا كەلگەندە، كۈرەبىر ئىسىملىك بىر ۋەزىر، ئۇيغۇر خاقانىنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن توپىلاڭ چىقارغان. ئۇيغۇر خاقانى ئالت قۇلۇ بىلگە خاقان بۇنى كۆرۈپ چىدىيالماي ئۆلۈۋالىدۇ. توپىلاڭ قوزغىغان ۋەزىر قازار تېكىننى تەختكە چىقارغان. بۇلار ئاڭلىتىلغان `كۆچ` ناملىق بىر داستانمۇ بار، بۇ توپىلاڭدىن كېيىن قىش مەۋسۇمى يېتىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئات - ئۇلاغلىرى ئۆلۈپ، نامراتلىق ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ ئۇيغۇر دۆلىتى ۋەيران بولۇپ كەتكەن. توپىلاڭ چىققاندا ئۇيغۇر پايتەختىنىڭ سىرتىدا بولغان تۇلۇغ بۇغا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ھەربىي قوماندان بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، دەرھال قىرغىزلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، 100 مىڭ قىرغىز ئەسكىرىنى ئېلىپ ئۇيغۇر پايتەختى ئوردۇبالىق شەھىرىگە يەنى ئۇيغۇر دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلغان. قىرغىزلار ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان دەل بۇ مەزگىلدە، قىرغىزلار بۇ خائىن ئۇيغۇر قوماندانغا ياردەم قىلىپ 100 مىڭ كىشىلىك قىرغىز ئارمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 840 - يىلىدا ئۇيغۇرلار غەربكە قاراپ يەنى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستانغا قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان. بىزنىڭ مەشھۇر `كۆچ` داستانىمىز بۇ كۆچ نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان. مەخمۇت قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا دېگەن ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇ ئۇيغۇرلار. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانغا كېلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار بارمىدى؟"