ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن مەخمۇت قەشقىرى خاتىرىلەندى

گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلىكتە خاتىرىلەندى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. رىزا ئايخان، باش مىنىستىرلىك تارمىقىدىكى ئىدارە - جەمىيەت رەھبەرلىرى، كونا سىياسەتچىلەر ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 800 دىن كۆپ كىشى قاتناشتى. يىغىنغا پروف. در. فاتىھ كىرىشچىئوغلى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇرشۇناس پروف. در. سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر `مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى` تېمىسىدا، گازى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن بولسا `مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار` تېمىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك بولسا `شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى` تېمىسىدا سۆز قىلدى.

يىغىن مەخمۇت قەشقىرى ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە تۈركىيىنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى.

كېيىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى كىشى `شەرقىي تۈركىستان` ناملىق شېئىرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل، گازى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى رىزا ئايخان ئەپەندىلەر سۆز قىلدى. ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: "ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرلىك تەپتىش ئىدارىسى باشلىقى، ھۆرمەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى. ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ھەممىڭلارنى ھۆرمەت بىلەن سالاملايمەن. بۈگۈن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتمەكچىمىز. يىغىنىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن."

كېيىن گازى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. رىزا ئايخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: "ھۆرمەتلىك مېھمانلار، قىممەتلىك ياشلار، بۇنداق ياخشى بىر كەيپىيات ئىچىدە بۇنداق ياخشى بىر تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەكلا بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتىمەن. ھەممىڭلار خوش كېلىپسىلەر. بىر دۆلەت بولۇش ئاسان ئەمەس، مىللەت بولۇش تېخىمۇ ئاسان ئەمەس. دۆلەتلەرنى دۆلەت قىلغان مىللەتلەرنى مىللەت قىلغان بەزى ئامىللار بار. ئەگەر سىلەر تۈرك مىللىتى بولساڭلار، تۈرك مىللىتىگە خاس بولغان بەزى قىممەتلەرگە ئىگە چىقىشىڭلار كېرەك. بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ ماڭغان ۋاقتىمىزدا ئاتىلىرىمىز بىزگە ئۆز مىللىتىڭلارغا، تىلىڭلارغا ئىگە چىقىڭلار دەپ نەسىھەت قىلغان ئىدى. سىلەر ياشلار ۋە بىز، مەخمۇت قەشقىرىدەك ئورتاق قىممەتلىرىمىزگە ئىگە چىقىشىمىز كېرەك."

كېيىن يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن رەھبەرلەرنىڭ ئىسمى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. بۇ يىغىنغا تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى كوكسال توپتان، باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە كۆپ ساندا مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى تەبرىك تېلېگرامما ئەۋەتكەن.

يىغىندا ئىلىم ئادەملىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە سۆزلىگەندىن كېيىن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تۈرك دۇنياسى ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكى ئويۇن قويدى، ئويۇندا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى.

يىغىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىنىڭ پۈتۈن نارازىلىقىغا قارىماستىن غەلىبىلىك ئېچىلدى.