ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يەپ ئۆتكەن ئادەم

ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىپ، مۇساپىرلىق دەردىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ھەر خىل بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىقارلىق سەرگۈزەشتلىرى باردۇر. ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن ئىدى.

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: "ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگە 1949 - يىلى ئانا ۋەتەندىن قېچىپ چىقىپ، 1950 - يىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئىكەن. مەن بۇ ئادەمنى 1980 - يىلى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە 60 ياشلار چامىسىدا كۆرگەن ئىدىم. خوش سۆھبەتلىك، چىقىشقاق ۋە كىچىك پېئىل كىشى بولۇپ، بېشىدىن ئۆتكەنلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىبرەتلىك قىسسىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى."

ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھاياتى

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھاياتى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: " ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئوقۇمۇشلۇق، ئاڭلىق ۋە سەۋىيەلىك كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۆزى كىتاب خومار بولۇپ، باشقىلاردا تېپىلمىغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تولىسى بۇ كىشىنىڭ ئۆيىدىكى كىتابخانىسىدىن تىپىلار ئىدى. ھەتتا ۋەتەندە ئەمدى نەشىردىن چىققان يېڭى كىتابلارمۇ بۇ ئادەمنىڭ كىتابخانىسىدىن تېپىلاتتى. بۇ كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىف شەھىرىگە يەرلىشىپ قالغان بولۇپ، شەھەر مەركىزىدە دۇكان ئاچاتتى."

ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگە خۇددى مۇھاجىرەتتىكى باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ھەمىشە ئانا ۋەتەننىڭ غېمىنى يەيدىغان، ئۇيغۇرلاردىن ياردەمگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىدىغان، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلايدىغان، خەير - ساخاۋەتلىك كىشىلەردىن بىرى ئىكەن. ئۇ كىشىنى بىلىدىغانلار ھەمىشە ئۇنىڭ ياخشلىقىلىرىنى سۆزلەيدىكەن ۋە ئىش - ئىزلىرىنى ماختايدىكەن.

ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىنىڭ ۋاپاتى

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھاياتى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ يەرلەشكەن رايون تائىف شەھىرىدە ئۆتكۈزۈپ 1993 - يىلى شۇجايدا ۋاپات بولغان ئىكەن.