يىغىندا ئالدى بىلەن ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى روزى مۇھەممەت ھاجىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20 - ئەسىردە ئىلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ھەمدە بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىمىز ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
يىغىندا سۆزگە چىققان پىشقەدەملەردىن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ئوغلى نازىم قەمبىرى مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئوبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئەينى زاماندا ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ياتلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇش نەتىجىسىدە مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈرەشلەردە خەلقىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە كەلگەن بۇ ساۋاقلارنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە، نۆۋەتتە مىللىي داۋا ئىشلىرىمىزغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ تارىخى تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن ئاخىرىدا ئىتتىپاق جەمئىيىتى رەھبەرلىرى جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پىشقەدەملەرگە خاتىرە بۇيۇملىرى سوۋغا قىلدى.
0:00 / 0:00
