دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مېڭ جيەنجۇنىڭ قەشقەردە مۇقىملىقنى تەكىتلىگىنىگە ئىنكاس قايتۇردى

مېڭ جيەنجۇنىڭ قەشقەردە مۇقىملىقنى يەنە تەكىتلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر بېشارىتى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ، 24-ئاپرېل قەشقەرگە خىزمەت تەكشۈرۈشكە كەلگىنىدە، ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر كوناشەھەر رايونىغا كېلىپ، ھېيتگاھ جامائەسى قاتارلىق مەسچىتلەرنى، ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، بازارلىرى ھەم دۆلەتباغ ساقچىخانىسى قاتارلىق جايلاردا خىزمەت تەكشۈرگەن. مېڭ جيەنجۇ قەشقەردىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا بارغىنىدا، قەشقەردە يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان كۆچمە نوپۇسلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قەشقەردە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قەشقەر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپ قېتىم يۈز بېرىدىغان جاي بولۇپ، 2008-يىلدىكى سەمەن يولى ۋەقەسى، يامانيار ۋەقەسى، 2010-يىلى 11-ئايدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. مېڭ جيەنجۇنىڭ بۇ قېتىم قەشقەرگە كېلىشى ھەم قەشقەردە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى، 19-ئاپرېل كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 6 خىتاينى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرۇپ، ساقچىلار ئۇنى تۇتماقچى بولغىنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىنگە توغرا كەلگەن.

ئۆتكەن ھەپتە قەشقەردە بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ساقچىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەر كۈنى خىتاي ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە كوچا چارلاشقا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مېڭ جيەنجۇنىڭ بۇ قېتىم قەشقەرگە كېلىشى ھەم قەشقەردە مۇقىملىقنى تەكىتلىشى قەشقەر ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا قارىتىلغان نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھەر قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگىنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەم نازارەتنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە قەشقەردە بىر ئۇيغۇرنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان خىتايلاردىن 6 كىشىنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرۇپ، ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ئەھۋالنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەسئۇللىرىدىن بىرى ئالىم سىيىتوف ئەپەندىمۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئادەتتىكى ماجىرا بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش ھەم باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى قەشقەر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار نىسبەتەن زىق ئولتۇراقلاشقان قەشقەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان قەشقەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش نامىدا قەشقەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يەر زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، بۇ يەرگە تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، قەشقەردە تىرىكچىلىك مۇھىتى بارغانچە تارىيىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل نازارىتى ھەم باستۇرۇشى قانچە كۈچەيگەنسېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.