مىسىر دىن دۆلىتى بولامدۇ ياكى دېموكراتىك مۇسۇلمان دۆلىتىمۇ ؟
2012.12.07
بولۇپمۇ قاھىرە شەھىرىدە مىسىر رەئىسى دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن مۇخالىپلار ئوتتۇرىسىدا چىققان قانلىق توقۇنۇش دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلب قىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مىسىر دۆلىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ھەققىدىكى تەھلىللەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. چۈنكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىگە مەنسۇپ بولغان بىر شەخسنىڭ مىسىرغا رەئىس بولغانلىقى ھەر خىل گۇمانلارنى تۇغدۇرۇشقا يېتەرلىك ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئوكاز» گېزىتىنىڭ 7 - دىكابىر كۈنىدىكى سانىدا،«دىن دۆلىتىمۇ ياكى دۆلەتنىڭ دىنىمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:«مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ مەنسۇپلىرى بىلەن سەلەفىي جامائىتىنىڭ مەنسۇپلىرى نامايىش ئەسناسىدا ياڭراتقان«شەرىئەت، دەستۇر ۋە قانۇن» دېگەن شۇئارلار توغرىلىق تەھلىلچىلەر ھەر خىل پىكىر - قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. زادى بۇ جامائەتلەرنىڭ شۇئارىدىن ئۇلارنىڭ مىسىردا دىن دۆلىتى قۇرۇش مەقسىتى ئىپادىلىنەمدۇ ياكى دېموكراتىك مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇش مەقسەت قىلىنامدۇ؟ ئەگەر ئىككىنچىسىنى مەقسەت قىلغان بولسا، مەسىلە يوق. چۈنكى ھەممە شۇنى خالايدۇ. ئەمما ئۇلار خۇددى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياۋروپادا ھۆكۈم سۈرگەن دىن دۆلەتلىرىگە ئوخشاش بىر دىن دۆلىتىنى مەقسەت قىلىدىغان بولسا، ئۇ دېموكراتىيىنىڭ روھىغا ماسلاشمايدۇ. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىدەك ئىلغار ۋە مەدەنىي بىر جامائەتنىڭ شەنىگىمۇ ياراشمايدۇ. چۈنكى ئۇلار دېمىكراتىيىنىڭ كۈچى بىلەن سايلامغا كىرىپ ئۇتۇپ چىققان تۇرۇپ، ئەمدى كېلىپ دېموكراتىيىنى ئاياق ئاستى قىلىمەن دېسە بولمايدۇ. بۇنى ئۇلار ياخشى چۈشىنىدۇ.»
دىن دۆلىتى بىلەن مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ پەرقى
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل مەدىنە»گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا «دىن دۆلىتى بىلەن ئىسلام ياكى مۇسۇلمان دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر» دېگەن تېمىدا يەنە مۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان:«دىن دۆلىتى بىلەن ئىسلام ياكى مۇسۇلمان دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرقلەر بار. چۈنكى دىن دۆلىتى تار دائىرىدە، ئىسلام دۆلىتى كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. «ئىسلام» سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ «دىن» سۆزىنىڭ مەنىسىدىن ئەلۋەتتە چوڭ ۋە كەڭدۇر. شۇڭا ئىسلام فىقھىشۇناسلىرىنىڭ نەزىرىدە «دىن» ئىسلام شەرىئىتىدە قوغداش پەرز بولغان 5 چوڭ زۆرۈرىيەتنىڭ بىرى سانىلىدۇ. ئۇلار: دىن، جان، ئەقىل، نەسىل ۋە مال - مۈلۈك قاتارلىقلاردۇر. مۇندىن باشقا «ئىسلام تەربىيىسى» دېگەن سۆز پۈتۈن تەربىيە ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، «دىن تەربىيسى» ئىسلام تەربىيىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئىسلام دۆلىتى خۇددى مىسىردا بولغىنىدەك، ئەركىن سايلام، ئىختىيارىي بەيئەت ۋە ئورتاق كېڭەش ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان دۆلەت. قۇرئان كەرىمدىكى: «ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن» دېگەن ئەمر ۋە مۇسۇلمانلارنى سۈپەتلەپ: «ئۇلار ئىشلارنى ئۆز - ئارا كېڭىشىش ئارقىلىق بېجىرىدۇ» دېگەنلىكى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما دىن دۆلىتى «دىن ئادەملىرى» نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولىدىغان دۆلەتتۇر. بۇ خۇددى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياۋروپا قىتئەسىدە ھۆكۈم سۈرگەن دىن دۆلەتلىرىگە ئوخشاش. دوكتور مۇھەممەد مۇرسى بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاللاش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىككىنچىسىنى تاللايمەن دېسە، زىيان تارتىدىغانلىقى ئېنىق.»