مىسىردا يېڭى قانۇن ئېلان قىلىندى

مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنىڭ 22-نويابىر كۈنى مىسىرنىڭ يېڭى دۆلەت قانۇنىنى ئېلان قىلغانلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا نارازى بولغۇچىلارمۇ بولدى.

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، مىسىردا 25-يانۋار نامايىشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن 30 يىللىق مۇبارەك دىكتاتورلۇقىغا خاتىمە بېرىلىپ، 60 يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن پرېزىدېنت سايلانغان ئىدى.

مىسىر خەلقى 1952-يىلى پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا چوڭ رول ئوينىغان 23-ئىيۇل ئىنقىلابى بىلەن 2011-يىلى 25-يانۋار نامايىشىنى مىسىر تارىخىدا چوڭ غەلىبىلىك كۈنلەر دەپ خاتىرىلىمەكتە.

مىسىردا مۇبارەك ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، دېموكراتىيە دەۋرى باشلانغاندىن بىرى مىسىرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىدە كۆپلىگەن ئىجابىيلىقلارنىڭ بولغانلىقىنى تەھلىلچىلەر سۆزلىمەكتە. مىسىر پرېزىدېنتى مۇرسىنىڭ كۆپلىگەن يولسىزلىقلارنى ۋە چېرىكلىكلەرنى يوق قىلىپ، مىسىر تارىخىدا يېڭى بىر دەۋرنى باشلاتقانلىقى ئېنىقتۇر. بۇ سەۋەبتىن مىسىر رەئىسى مۇرسىنىڭ ئىناۋىتى ئۆسمەكتە ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ كۈچلەنمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىشتا ئالاھىدە رول ئويناش ئارقىلىق مۇرسى ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى تېخىمۇ كۆتۈرگەن بولدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 23-نويابىر كۈنىدىكى سانىدا « مۇرسى يېڭى قانۇننى ئېلان قىلدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «مىسىر رەئىسى دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئېلان قىلغان يېڭى قانۇنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە مۇبارەك زامانىدىكى ئەمەلدارلاردىن قېلىپ قالغانلارنى سوتلاشقا يول ئاچىدىغان قانۇندۇر. بۇ قانۇندا پرېزىدېنتقا 25-يانۋار نامايىشىنىڭ غەلىبىسىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئۈچۈن يېتەرلىك تەدبىرلەرنى ۋە قارارلارنى ئېلىشتا تولۇق ھوقۇق بېرىلگەن. بۇ يەنە مۇبارەك زامانىدا چىقىرىلغان قانۇن-تۈزۈم ۋە قارارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىكەن. مۇرسى بۇ قانۇننى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا 25-يانۋار نامايىشى جەريانىدا خەلققە ئوق چىقارغان، خەلقنى زەخىملەندۈرگەن ۋە ئۆلتۈرگەن شۇنداقلا نامايىشچىلارغا قارشى سۇيىقەست پىلانلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى سوتلاپ تېگىشلىك جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇرسى چىقارغان قارار يەنە، مىسىردىكى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسىنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى ۋە ئورنىغا يېڭىدىن بىرىنىڭ سايلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ 4 يىللىق سايلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يېشىنىڭ 40 ياشتىن كىچىك بولماسلىقىنى ئوچۇق بەلگىلىگەن.»

يېڭى قانۇنغا قارشى نامايىش

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «مىسىردا يېڭى دۆلەت قانۇنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قاھىرە شەھىرىنىڭ ئازادلىق مەيدانىغا يۈزلەرچە كىشى چىقىپ، يېڭى قانۇنغا قارشى نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار ‹يېڭى دۆلەت قانۇنى دىكتاتورىلىقنىڭ داۋامىدۇر› دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارمۇ يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، مىسىردا مۇرسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس. خۇسۇسەن، مىسىردىكى سولچىلار، مۇبارەك يانداشلىرى ۋە سابىق پرېزىدېنت ئابدۇناسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىرىلدۈرمەكچى بولغانلار ھەممىسى مۇرسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوللىمايدۇ.»