مىسىر بازارلىرىنى خىتاينىڭ ساختا ماللىرىدىن كىم قوغدايدۇ؟

مىسىرنىڭ " ئەل ئەھرام " گېزىتىنىڭ 2008 - يىلى13 - نويابىر سانىدا " مىسىر بازارلىرىنى خىتاينىڭ ساختا ماللىرىدىن كىم قوغدايدۇ؟"دېگەن تېمىدا بىر ماقالا ئېلان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ماقالىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:" ھۆكۈمەت بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مىسىرلىق ئىش ئادەملىرىنى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەشەببۇس قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بازارلىرىمىز خىتاي دۆلىتىدىن كېلىدىغان، نەرقى ئەزان ئەمما چىدىمايدىغان ساختا ماللىرى بىلەن تولۇپ تاشماقتا. ياز پەسلى كېلىشى بىلەن مىسىرنىڭ شۇبرا، ئۇمرانىيە، فەيسەل، ھۇلۋان ۋە باشقىمۇ رايونلىرىدىكى بازارلاردا خىتاينىڭ يەرمەنكىلىرى ئېچىلغاندىن تاشقىرى، مىسىرنىڭ ھەر قايسى كوچا - بازارلىرىدا خىتاي ماگىزىنلىرى ھەدەپ ئېچىلماقتا. بۇ ماگىزىنلارنى خىتايلىقلار بىۋاسىتە ئۆزلىرى ئىدارە قىلماقتا. مۇندىن باشقا خىتاينىڭ ياش قىز - ئوغۇللىرى مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە تولۇپ تاشماقتا. گاھىدا توساتتىن بىرى ئىشىكىڭىزنى قاقىدۇ، ئىشىكنى ئاچقىنىڭىزدا، خىتاي ماللىرىنى بىلەن سومكىلىرىنى تولدۇرۇۋالغان بىر ياكى ئىككى خىتاي قىزى مىسىر شېۋىسىنى بۇزۇپ سۆزلىگەن ھالدا، ئېلىپ كەلگەن نەرسە - كېرەكلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇلار مىسىر بازارلىرىنى قولىغا ئالغاننىڭ سىرتىدا، سومكا كۆتۈرۈش تىجارىتى بىلەنمۇ ھەر قايسى مەھەللىلەرنىڭ سودا ئىشلىرىنى قولىغا ئېلىۋالماقتا."

خىتاي ماللىرى مىسىرنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا زىيان سالماقتا

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي ماللىرىنىڭ يوللۇق ۋە يولسىز ھالدا مىسىر بازارلىرىغا ھەدەپ كىرىپ، يەرلىك ماللارنىڭ بازىرىنى كاسات قىلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان زىيان، شىركەتلەر، سودىگەرلەر ۋە شەخسلەرنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتماقتا. گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرلىرى مىسىرلىق پۇقرالارنىڭ مىسىر بازارلىرىنى يېيىلىپ ياتقان خىتاي ماللىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. قاھىرە شەھىرىنىڭ ئابباسىيە رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۆي ئايالى ئەدلىيە سەفۋەت مۇنداق دەيدۇ:" ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى تولا قېقىلىدۇ. ھەر قېتىمدا ئىشىكنى ئاچقىنىمدا، بىر خىتاي قىزى يوغان سومكىنى كۆتۈرىۋالغان ھالدا، ئىشىك ئالدىدا قاراپ تۇرىدۇ. كۆتۈرىۋالغان سومكىسى يىڭنە، يىپ، قول چىرىغى، قاچا، پىچاق ۋە باشقىلار قاتارلىق خىتاينىڭ ئۆي ئەشيالىرى بىلەن لىق تولغان. مەن ھەر قېتىمدا، بۇ ئەشيالارنىڭ ئەرزانلىقىغا ئالدىنىپ كۆپ سېتىۋالىمەن. كېيىنكى ھەپتىسى يەنە شۇ نەرسىلەرنى قايتا سېتىۋالىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان نەرسىلىرى ئاران بىر ھەپتە ئەسقاتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۆي ئەشيالىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ماللىرىغا ئايلىنىپ بولدى. بۇ ماللارنىڭ نەرقى ئەرزانلىقى بىزنى قىزىقتۇرىدىكەن، ئەمما ئۇزۇن چىدىمايدىكەن. ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يەرلىك ماللىرىمىز گەرچە بىرئاز قىممەترەك بولسىمۇ ئۇزۇن راۋاج قىلىدىكەن. شۇڭا ھەممىدىن ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك ماللىرىمىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم."

مۇخبىرلىرىمىز مىسىرلىق دۇكاندارلار بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارغان. قاھىرە شەھىرىدىكى كىچىك بىر تەييار كىيىم ماگىزىنىنىڭ ئىگىسى مۇھەممەد ئەتىيە ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:" خىتاي ماللىرى ئۆيلىرىمىزنى خاراپ قىلغاننى ئاز دەپ ئەمدى دۇكانلىرىمىزغا زىيان سالماقتا. مەن بۇرۇن ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 10 مىڭ جۈنەيلىك مال ساتاتتىم. ئەمما ھازىردا ئەتىگەندىن كەچكىچە ساتقان مېلىم 5 مىڭ جۈنەيگە يەتمەيدۇ. بۇ خىتاي ماللىرىنىڭ بازارلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى دۇكانلىرىدا تولۇپ تاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ ساختا ئېلانلىرى بىلەن خەلقىمىزنى قاندۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىغا ئۇلارنى قىزىقتۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى قېقىپ يۈرۈپ مال سېتىشلىرى سەۋەبتىن بولماقتا. بۇنىڭ بىلەن ھەر پەسىلدە نەرسە كېرەكلىرىنى بىزدىن سېتىپ ئالىدىغان ئۇزۇن يىللىق خېرىدارلىرىمىزمۇ بىزدىن يۈز ئۆرۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆيلىرىگە تەييار ئەكىلىپ بېرىلگەن خىتاينىڭ ساختا ماللىرىغا ئالدىنىپ قالدى. بىز بولساق زىيان تارتىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا بىزنىڭ ئىشىمىز تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ.""

رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش خىتاي ماللىرىنى بازارلاردىن چەكلەشنىڭ چارىسى

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئىقتىسادشۇناس سىدىق ئەفىفىي مىسىر بازارلىرىدىكى خىتاي ماللىرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن:" خىتاي ماللىرى بازارلارنى قاپلاشتا ھەقىقەتەن چەكتىن ئاشقان. بىز ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ بولالمايمىز. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خۇسۇسەن ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدا خىتاي ماللىرى تولۇپ تاشقان. خىتاي ماللىرى كىرىمى چەكلىك ئائىلىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتەك كۆرۈنگەن بىلەن دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، يەرلىك ماللارنىڭ بازارلىرىنى كاسات قىلماقتا. بىزنىڭ خىتاي ماللىرىغا تاقابىل تۇرۇشىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئىشلەپچىقىرىشىمىزنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشتۇر. مۇندىن باشقا يەنە خەلقىمىزگە يەرلىك ماللارنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىش لازىم. ئەگەر شۇنداق قىلمىغاندا، خەلقىمىزنى بۇ كىرىزىستىن قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ."