يازغۇچى ۋە مۇخبىر ئۈلرىكا ئېڭىسترۆم: مو يەنگە نوبېل مۇكاپاتىنى بېرىش شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئازاپلىق بىر ئىشى
2012.10.12
مۇنازىرىنىڭ ئاساسى تىمىسى خىتاي يازغۇچىسى مو يەننىڭ شىۋېتسىيە ئوقۇرمەنلىرىگە ناتونۇشلۇقى ۋە ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغانلىقىدەك ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىقلىقىدا گۇمان پەيدا قىلغان. شىۋېتسىيىدىكى چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «كۈندىلىك خەۋەرلەر»، «شىۋېتسىيە كۈندۈز گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرلەرگە شىۋېتسىيىدىكى داڭلىق ئەدەبىيات تەنىقىدچىلىرىمۇ پىكىر قاتانشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار پىكىرلىرىدە شىۋېتسىيە ئوقۇرمەنلىرىگە پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بولغان بىر خىتاي يازغۇچىسىغا نوبىل مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مو يەن ئىسىملىك بىر يازغۇچى بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلغان كۈنى كەچتە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى پېتېر ئېڭلۇند «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ پېتېر ئېڭلۇنددىن سورىغان سوئاللىرى يەنىلا مو يەننىڭ شىۋېت ئوقۇرمەنلىرىگە ناتونۇشلۇقى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىغانلىقى، نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ نېمە مەقسەتتە ئۇنى نوبېل مۇكاپاتىغا لايىق كۆرگەنلىكى قاتارلىق سوئاللارغا مەركەزلەشكەن.
مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى چەتئەللىك بولۇش سۈپىتى بىلەن «يىپەك يولى» نامىدا كىتاب يېزىپ شىۋېتسىيىدە نام چىقارغان يازغۇچى يان موردال تور يۈزىدە بايان قىلغان پىكىرىدە مۇنداق دەيدۇ :گەرچە مەن مو يەننىڭ كىتابىنى ئوقۇمىغان بولساممۇ، خىتاي تىلىدىكى رادىئودىن ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. چۈنكى، خىتايلار نوبېل مۇكاپاتىنى شىۋېتسىيىنىڭ سىياسىي باياناتى دەپ قارايدۇ.بۇ خىتاينىڭ شىۋېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شىۋېتسىيىلىك يازغۇچى ۋە مۇخبىر ئۈلرىكا ئېڭسترۆم مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەدەبىياتنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشتە مۇھىم رولى بار دەپ قارايمەن، شۇڭا مەن شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مو يەندەك سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشنى خالىمايدىغان، مەۋجۇت ھاكىمىيەتنى قوللايدىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنىقىد قىلغۇچىلاردىن ۋە ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىمىدىكىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان مۇشۇنداق بىر ئادەمگە نوبېل مۇكاپاتىنى بېرىشىنى شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئازاپلىق بىر ئىشى دەپ قارايمەن.
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار سىياسىي ئىنستىتوتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى يوھان لاگېركىۈست مۇنداق دەيدۇ: مەن ھازىرغىچە ئۇنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتىدا سىياسىي مەسىلىلەرگە ياردەمدە بولغانلىقىنى كۆرمىدىم. ھېچ بولىمىغاندا ئۇ خىتايدىكى پارىخورلۇقنى بولسىمۇ تەنىقىد قىلىپ باقمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلىپ ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېنىق.
لېكىن، شىۋېتسىيىنىڭ سودا مىنىستىرى ئېۋا بيۆرلىڭ مۇنداق دەيدۇ: نوبېل مۇكاپاتى ناھايتى كۈچلۈك بىر تاۋار ماركىسى، مەيلى ئۇ كىمگە تارقىتىلسۇن، ئۇ شىۋېتسىيىنى تونۇشتۇرىدۇ. شۇڭا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ خىتاي يازغۇچىسى مو يەنگە بېرىلىشى خىتاي بىلەن شىۋېتسىيىنىڭ سودا مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر يۈكسىلىش ئەكىلىدىغانلىقى ئېنىق.
شىۋېتسىيىنىڭ ئاخباراتلىرىدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ناھايتى كۆپ بولۇپ، كۆپىنچە مۇلاھىزىچىلەر شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مو يەنگە بۇ يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بېرىشىدە، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھاسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن كۆرە شىۋېتسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق سودا مۇناسىۋىتى ئاساسلىق رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ، قارىماقت، چۈنكى شىۋېتسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى ناھايىتى جانلانغان. ئىمپورت - ئېكسپورت توربېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر شىۋېتسىيىنىڭ خىتايدا 650 كارخانىسى ۋە 800 دانە ھەر خىل ئىش بېجىرىش تارماق ئورگانلىرى بولۇپ، يىللىق ئېمپورت سوممىسى 5.35 مىليارد شىۋېت كرونىدىن ئاشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىۋېتسىيىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىسى بولغان «ۋولۋو» شىركىتىنى خىتاينىڭ جېلىي شىركىتى سېتىۋالغان بولۇپ، ۋولۋو شىركىتىدە ئىشلەيدىغان 10مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىلەر خىتاي شىركىتىنىڭ ئىقتىسادى ھامىيلىقىدا قالغان.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىقتىسادى جەھەتتىكى بۇ خىل ئامىللار شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ بۇ يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى خىتاي يازغۇچىسىغا بېرىشكە ئىدىيە نىشانى تۇرغۇزۇپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئسى ئابدۇشۇكۇر سامساق بۇ ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.