شىۋېتسىيە تېلىۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يازغۇچىسى مو يەن ستوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سىياسىي، دېموكىراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى بويىچە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش تەس كېلىپ «مەن نوبېل سىياسىي مۇكاپاتىغا ئەمەس، بەلكى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشتىم» دەپ ئاچچىقلانغان. ئۇ ئوخشىمىغان پىكىر - قاراشتىكىلەر ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ «ئەگەر مەن كۆز قارىشىمنى دېيىشكە مەجبۇرلانسام، جاۋاب بېرىشنى خالىمايمەن» دېگەن. شىۋېتسىيە تېلىۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مو يەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئەسەرلىرىگە ۋە نەشر بويۇملىرىغا قاراتقان تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش تۈزۈمىنى قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ مەسىلىدە بۇ قېتىم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن، ئەمما ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا ئۆزىنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى ئاقىلغان.
شىۋېتسىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى خىتاي يازغۇچى مو يەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەندىن بېرى، ئۇنىڭ ھەققىدە ئىزچىل تۈردە تەنقىد ماقالىلىرىنى ئىلان قىلىپ كېلىۋاتقان گېزىتلەرنىڭ بېرى بولۇپ، مو يەننىڭ شىۋېتسىيىگە قەدەم باسقان كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ھېرتا مۈللېر بىلەن خىتاي شائىرى لياۋ يىۋۇنىڭ مو يەن ھەققىدىكى تەنىقىدلىرىنى ئىلان قىلغان. ھېرتا مۈللېر ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مو يەنگە بېرىلىشى بىر «پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتتۇر» دېگەن بولسا، ئۇ بۇ قېتىم «كۈندىلىك خەۋەرلەر»گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ مو يەنگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن «ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ قوللىغۇچىسىدۇر.بۇ، ئادەم ئىشەنگۈسىز بىر زوراۋانلىق ھېسابلىنىدۇ. تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تۈرمىدىكى ليۇ شاۋبوغا بېرىلىپ، ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مو يەنگە بېرىلىشى خىتايغا خاتا سېگنال بېرىشتۇر ھەم ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلارنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاقتۇر.»
خىتاي شائىرى لياۋ يىۋۇ «گۇۋاھلىقتىن قاچقان يېزىقچىلىق نومۇسىزلىقتۇر» دېگەن ماقالىسىدە - 89يىلى ئۇقۇغۇچىلارنى قىرغىن قىلغان خىتاي ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ۋە قىرغىنچىلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان مو يەنگە موبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بېرىش، خۇددى - 1965يىلى كوممۇنىستپەرەس سۆۋېت يازغۇچىسى مېكايىل شولوخوفقا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەرگەندەك بىر خاتالىقتۇر. ئۇ، خىتاينىڭ پارىخور ئەمەلدارى بو شىلەينى مەدھىيىلەپ شېئىر يازغان ھوقۇقپەرەس ۋە شۆھرەتپەرەس يازغۇچىدۇر» دەپ تەنقىد قىلىدۇ.
نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قائىدىسى بويىچە، ھەر يىلى - 12ئاينىڭ - 10 كۈنى نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىلەر نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا شىۋېتسىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش نۇتۇقى سۆزلەيدۇ. - 9 چىسىلا بولسا بارلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ھۆكۈمەت بىناسىدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. مو يەننىڭ بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشى تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تېخىمۇ كۆپ سوئاللارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
0:00 / 0:00
