موڭغۇل چارۋىچىنى ماشىنىغا باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسى يەنە يۈز بەرگەن
2011.10.24
ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردۇس ئايمىقىدا خىتاينىڭ نېفىت توشۇيدىغان بىر ئاپتوموبىلى يايلاقتىن ئۆتۈشىگە قارشى تۇرغان بىر موڭغۇل چارۋىچىنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم موڭغۇللارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ يىل 5-ئايدا كۆمۈر توشۇيدىغان بىر خىتاي يۈك ماشىنىسى شىلىنغول ئايمىقىدا موڭغۇل مۇھىت قوغداش پائالىيەتچىسى مەرگەننى قەستەن دەسسەپ ئۆلتۈرۈپ، ئىچكى موڭغۇلدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. 20-ئۆكتەبىر كۈنى، ئوردۇس ئايمىقىدا روي بەرگەن بۇ ۋەقە بۇ يىل 5-ئايدىكى نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەدىن كېيىن يۈز بەرگەن، يەنە بىر قېتىملىق يايلاقنى قوغداپ، خىتاي ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ كان ئېچىشىغا قارشى تۇرغان بىر موڭغۇل چارۋىچىنىڭ خىتاي يۈك ماشىنا شوپۇرى تەرىپىدىن دەسسەپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدۇر.
ئىچكى موڭغۇل تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن موڭغۇل چارۋىچىنىڭ ئىسمى زورىت بولۇپ، نېفىتلىككە كېتىۋاتقان خىتاي ئاپتوموبىلى ئۇنىڭ يايلىقىدىن ئۆتمەكچى بولغان. بىراق زورىت توسۇق قۇرۇپ، خىتاي ئاپتوموبىلىنىڭ يايلاقتىن ئۆتۈشىگە قارشى تۇرغان. بۇنىڭ بىلەن موڭغۇل چارۋىچى بىلگەن خىتاي شوپۇر ئارىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، خىتاي شوپۇر موڭغۇل چارۋىچىنى ماشىنىغا دەسسىتىۋەتكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە زورىتنىڭ ئېغىر يارىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، بۇرۇن خىتاي نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ يايلاقنى بېسىپ ئۆتۈشى سەۋەبلىك زورىت قاتارلىق يەرلىك موڭغۇل چارۋىچىلار ئارىسىدا كۆپ قېتىم تالاش-تارتىش يۈز بەرگەنلىكى، خىتاي شوپۇرلىرىنىڭ ئىلگىرى زورىت قاتارلىق بىر قىسىم يەرلىك موڭغۇل چارۋىچىلارنى ئۇرۇپ زەخىملەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىچكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ۋەقە ھازىرغا قەدەر موڭغۇللارنىڭ نامايىش قىلىپ، بۇ يىل 5-ئايدىكىدەك كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىچكى موڭغۇلدىكى تور بەتلەردە غۇلغۇلا قوزغاپ، دائىرىلەرنى تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر قىلغان.
مەزكۇر ۋەقە چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئىچكى موڭغۇل ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ياپونىيىدە ياشايدىغان موڭغۇل پائالىيەتچىلىرىدىن كەرىت كۋاسگالت رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى موڭغۇللارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.
ئۇ «ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى ھامان بىر كۈنى موڭغۇللارنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە ھازىرقى ۋەزىيەت كۆرۈنۈشتە تىنچتەك قىلسىمۇ، بىراق مەن ھازىردىن باشلاپلا بۇنىڭ ياپونىيىدىكى موڭغۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ موڭغۇل خەلقىنىڭ نارازىلىقى ۋە غەزىپىنى قوزغاۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم بار. بۇ ئۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەرگىز ئىشەنمەسلىك خاھىشىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىدە موڭغۇل خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ھاياتى نەزەرگە ئېلىنمىغان. شۇڭا بىز ئۇلاردىن بۇ خىل ۋەھشىيلەرچە ئىقتىسادى ئېچىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتى، ھاياتى ۋە كىشىلىك قىممىتىگە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىمىز» دەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ۋەقەنى چۈشەندۈرۈشى ئىچكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تور بەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، ۋەقەنى بىر قېتىملىق «قاتناش ھادىسىسى» دەپ خەۋەر قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە زورىگت ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا سوقۇۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئېغىر يارىلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلىكى، لى يولياڭ ئىسىملىك شوپۇرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ۋەقەنىڭ سەۋەبى، موڭغۇل چارۋىچىنىڭ نېمە ئۈچۈن ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئۆتمەكچى بولغانلىقى قاتارلىق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئەھۋاللارنى تىلغا ئالمىغان.
ياپونىيىدىكى موڭغۇل چارۋىچى كېرىت كېۋاسگالت، مەزكۇر ۋەقەنىڭ بۇ قېتىم 5-ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدەك كەڭ كۆلەملىك ئىنكاس پەيدا قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرگە قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ «كىشىلەر تور بەتلىرىدە زورىتنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ بۇ يىل 5-ئايدىكىدەك ئۇنچىلىك كەڭ كۆلەملىك تارقىلىپ كېتەلمىدى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئايدا يۈزبەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ۋەقەلەرگە قارشى بەزى مۇداپىئە خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئالغان. شۇڭا بۇ ۋەقەگە دائىر ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ، تور، تېلېفون ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالدى. شۇنداقتىمۇ موڭغۇللارنىڭ ئىچىدە قق ئىشلىتىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ. بۈگۈن قق ئارقىلىق تارقالغان بەزى ئۇچۇرلاردىن موڭغۇللارنىڭ 25- ئۆكتەبىردىن 30-ئۆكتەبىرگە قەدەر كۆكخوت، باۋتۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ھەر كۈنى سائەت 2:00 دە نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۆلەم تۆلەش، موڭغۇللارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى «غەربنى ئېچىش» سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇلدا تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش، خىتاي شىركەتلىرىنى مەزكۇر رايونغا كۆچۈرۈپ، ئاھالە يۆتكەشنى كۈچەيتكەن. ئۇلارنىڭ «مۇھىت كۆچمەنلىرى» سىياسىتى بولسا موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلار خىتاينىڭ موڭغۇل چارۋىچىلىرىنى يايلاقتىن كۆچۈرۈپ، ئۇلارنى مۇقىم ئولتۇراق رايونلارغا يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر سىياسەت موڭغۇللارنىڭ يەر ئاستى تەبىئىي بايلىقىنى ئىگىلىۋېلىشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ سىياسەت موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەھدىت سېلىش بىلەن بىرگە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلماقتىكەن.
كەرىت كۋاسگالت موڭغۇل خەلقىنىڭ ئۈمىدسىزلىك گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردۇس رايونى خىتايدىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەڭ تېز رايونلارنىڭ بىرى. بۇنداق تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان رايوندا نېمە ئۈچۈن بۇ خىل نارازىلىقى ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىدۇ؟ چۈنكى موڭغۇل خەلقىنىڭ مەنپەئىتى قۇربان قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ موڭغۇللارنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىشىدىكى مەقسىتى ئۇلارنىڭ يەر ئاستى بايلىقى، تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە كۆمۈرىنى قېزىلىش. بۇ زېمىن ئەلمىساقتىن تارتىپ موڭغۇللارنىڭ زېمىنى. لېكىن بۇ زېمىندا بەرپا قىلىنغان مەدەنىيەت ۋە بۇ مىللەتنىڭ خىتاي ئۈچۈن ھېچقانداق قىممىتى يوق. ئۇلار ئاخىرى سىزنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىش دەرىجىسىگە يېتىپ باردى. بۇ ۋەقە موڭغۇل خەلقىنىڭ چىدىغۇسىز ئەھۋالغا بېرىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىشى ئامالسىزلىقنىڭ ئىپادىسى. بۇ يېقىندا تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋېلىشىغا ئوخشايدۇ.»