"مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" نى ئىشلىگۈچى جېف دانىېل بىلەن سۆھبەت 1
2010.11.23

ئۇنداقتا مەزكۇر فىلىمنى كىم ئىشلىگەن؟ رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەردە فىلىم ئىشلەش ئىستىكى قانداق تۇغۇلغان؟
"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى نۆۋەتتە ئاۋسترالىيىدە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچى جېف دانىېل ئىشلىگەن. ئۇ، فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە بىر نەچچە قېتىم بارغان. جېف دانىېلس مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ئاۋسترالىيىدىن ئامېرىكىغا بىر نەچچە قېتىم كەلگەن ئىدى.
تۆۋەندىكىسى دانىېل ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ بىر قىسمى.
- ئەمدى سىز ئىشلىگەن فىلىم ھەققىدە سۆزلىشەيلى. بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ئۇتۇقلۇق بولدى. مۇبارەك بولسۇن.
- بۇ سۆزلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەزكۇر فىلىمنى كۆرسەتكەن ھەرقانداق فىلىم فېستىۋاللىرى ئوخشاش ھالدا بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان، ئۆزى ياشاۋاتقان ماكاندا ئاز تونۇلغان ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئورۇن بېرىلمىگەن بىر خەلقنى بىلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. بۇ مېنى بەكلا خۇرسەن قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، فىلىم فېستىۋاللىرىنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرسىتىشكە قىزىقىشى ئۇلارنىڭ بۇ خەلقنى باشقىلارغا تونۇتۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئاخىرىدا پەقەت ئۇيغۇر مەسىلىسىگىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تونۇلمىغان كىشىلەرگىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلىگە دىققەتنىڭ بۇرۇلۇشى، فىلىمگە قىزىقىشنىڭ شۇنچە كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن ئېسىل ئىش. نەتىجىدە مەن ھەقىقەتەن خۇش بولدۇم.
- بۇ فىلىم ئادەمنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلدىڭىز. ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىم ئىشلەش خىيالى سىزدە قانداق پەيدا بولغان؟
- مېنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ساياھەت قىلىدىغان بىر نەچچە دوستۇم بار ئىدى. ئۇنىڭ بىرى بېيجىڭدا ئىنگلىز تىلى ئۆتۈشكە بارغان ۋە مەن ئۇنى 8، 9 يىلنىڭ ئالدىدا يوقلاپ بارغان ئىدىم. بىز پىۋا ئىچكەچ ئۇنىڭ بېيجىڭدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە مۇڭداشتۇق. ئۇ، ئۆزى دەرس ئۆتىدىغان سىنىپتىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ، سىنىپىدا ئىرانلىققا ئوخشايدىغان بىر ئوقۇغۇچىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە دەرس ئاخىرىدا ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئەڭ غەربىدىكى بىر رايوندىن كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
دوستۇمنىڭ ئېيىتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆز خەلقى ھەققىدە سۆزلەۋاتقاندا سىنىپتىكى يەنە بىر خەنزۇ ئوقۇغۇچى بۇلارغا دىققەت قىلىشقا باشلاپتۇ. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كاپىتالىزم ئىدىيىلىرىنى تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتايدا ھەر بىر چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپىغا بىردىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئەزاسى قويۇلىدىكەن. بەكلا رەزىل.
ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ بۇنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال: "بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىز ھەققىدە ئوچۇق سورۇنلاردا مۇشۇنچىلىكلا دېيەلەيمىز. ئەگەر يەنە بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز تەتقىق قىلىڭ " دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن ئۇيغۇرلارغا قىزىقىشقا باشلىدىم. شۇ چاغقىچە خىتايدا شۇنچە كۆپ نوپۇسلۇق مۇسۇلمانلار بارلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن.
-دېمەك بۇ، ئون يىل ئالدىدا سىز دوستىڭىز بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلەردىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن قىزىقىش دەڭ.
-شۇنداق ئون يىل بۇرۇن. شۇنداق قىلىپ بۇ قىزىقىش بىلەن بىز ئۇ يەرگە سەپەر قىلدۇق. بىز 3، 4 كۈن پويىزدا ئولتۇرۇپ، تۇرپان، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەردە زىيارەتتە بولدۇق. بىر ياكى بىر يېرىم ئايدەك تۇردۇققۇ دەيمەن. بىزدە ئۇ يەردىكى خەلق ۋە مەدەنىيەتكە نىسبەتەن مۇھەببەت شەكىللەندى. ئۇ خىتاينىڭ باشقا يەرلىرىدە كۆرگەنلىرىمىزدىن ئاسمان- زېمىن پەرقلىنەتتى.
تەتقىقاتىمىز چوڭقۇرلاشقانسېرى، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، دىنىي جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بارغانچە تونۇپ يېتىشكە باشلىدۇق.
ھالبۇكى، بۇ ئىشلارنى كۆپ ئادەمنىڭ بىلمەيدىغانلىقى بىزنى بەكلا ھەيران قالدۇردى. شۇ چاغدا مەندە كىشىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈش توغرىسىدا ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت تۇغۇلدى.
مەن بۇ ھەقتە پەقەت سۆزلەشنىڭلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بۇنى بىر ھۆججەتلىك فىلىم بىلەن تونۇشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم ۋە ئاخىرى بۇ ھەقتە بىر پروگراممىغا تۇتۇش قىلدىم. ئەلۋەتتە بۇنى تۈگىتىشىمگە نەچچە يىللار كەتتى. ھالبۇكى، ھازىر بۇنىڭ نەتىجىسىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.
-ئۇنداقتا، سىزدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئىستىكى 10 يىل بۇرۇن سىز خىتايغا بارغاندا ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان چېغىڭىزدا پەيدا بولغان دېيىشكە بولامدۇ؟
-شۇنداق، چۈنكى مەن ئۇيغۇر خەلقنى شۇ چاغدا بىلگەن. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇرۇن ھېچنەرسە ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ئەلۋەتتە يەنە باشقىلارمۇ بۇ ھەقتە كۆپ نەرسە بىلمەيدىكەن.
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى ئالاھىدە ھېس قىلدىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرىنى تەتۈرىگە بۇراپلا " قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش" دەپ سۈرەتلەپ كەلگەنىكەن. خىتايلار بۇنى تەھدىت دەپ قارايدىغان بولغاچقا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان تېررورچىلار دەپ قىرغىن قىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن. بۇ "11- سېنتەبىر ۋەقەسى" دىن كېيىن تېخىمۇ ئاسانغا چۈشتى. لېكىن ئۇيغۇرلار ئۇنداق ئەمەس. مەن شۇ چاغدا باشقىلار چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ۋە ئۆز چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىشى كېرەك ئىكەن دەپ ئويلىدىم. چۈنكى باشقىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەن گەپنىلا بىلەتتى. مەن بۇنى يولسىزلىق دەپ چۈشەندىم.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقىسى " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" نىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى جېف دانىېل بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ دەسلەپكى قىسمى. كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا دانىېل ئەپەندىنىڭ فىلىم ۋە رابىيە قادىر ھەققىدىكى قاراشلىرى توغرىسىدا ئاڭلىتىش بېرىمىز.