'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆرسىتىلمەكچى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئاۋىسترالىيە ۋە ھىندونېزىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا ھەمدە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدە تەيۋەننىڭ 5 چوڭ شەھىرىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۈر فىلىم يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قويۇلۇش ئالدىدىدا تۇرماقتا.

0:00 / 0:00

مۇڭلۇق ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ياڭراق ساداسى ئىچىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىم قۇم بارخانلىرىدىكى تۆگىلەر، تەڭرىتاغ تىزمىلىرىدىكى بۈك‏-باراقسان قارىغايلار ۋە ئالتاي ۋادىسىنىڭ گۈزەل كۆرۈنۈشلىرى بىلەن باشلانغان ھۆججەتلىك فىلىمدە، ئۇيغۇر مىللي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى سىرلىق مۆجىزە ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان ۋە ئۇنتۇلغان زېمىننىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى بايان قىلىنىشقا باشلايدۇ.

ئېنگىلىز تىلىدا ئىشلەنگەن مەزكۈر ھۆججەتلىك فىلىمدە يەنە، چاچلىرى تال - تال ئۆرۈلگەن 15 ياشتىكى گۈزەل ئۇيغۇر قىزى رابىيە قادىرنىڭ سۈرىتى ئېكراندا نامايەن بولىدۇ ۋە ئارقىدىنلا يەنە ئېكراندا بېشىغا چىرايلىق دوپپا كىيگەن ئۇزۇن ئىككى تال ئۆرۈمە چاچلىق 61 ياشتىكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۆرۈنۈشى ھەمدە ئۇ ئېيتقان مۇنۇ جاراڭلىق سۆزلەر ئاڭلىتىلىدۇ.

" قارا، ئۇ ۋاقتىدا مەن بەك چىرايلىق ئىدىم، ئۇ قانداقمۇ مېنى ياخشى كۆرەلمەي تۇرالايدۇ...."

رابىيە قادىر خانىم، بۇ سۆزنى ئۆمۈرلۈك ھەمرىيى سىدىق ھاجى روزىغا قارىتىپ ئېيتقان بولۇپ، ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "داۋاملىق رومانلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، شۇنداق بىر قەھرىمان بىلەن بىرلىشىپ، خەلقىمگە ياردەم قىلسام دەپ رومانتىك فانتازىيىلەرنى قىلاتتىم...."

رابىيە قادىر خانىم، ئۆمۈرلۈك سەبدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىگە ۋە ئۆزىگە، ۋەتەنپەرۋەر بولۇش، سەبداشلىرىغا سادىق بولۇش، بىر - بىرىگە خىيانەت قىلماسلىق شۇنىڭدەك توي قىلىپ ھاياتىنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، ھەر ئىككىسىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەنگە ئاتاشقا ئوخشاش 10 تۈرلۈك شەرتنى قويغان ئىدى.

ئاۋىسترالىيىلىك فىلىم ئىشلىگۈچى Jeff Daniels تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ فىلىم، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمغا ئاۋسترالىيە ۋىزىسى بەرمەسلىك، ئۇنىڭ كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنى چەكلەش بېسىملىرىغا قارىماستىن، دەسلەپ ئاۋىسترالىيىنىڭ مېلبورىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا ۋە ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا شۇنىڭدەك خىتاينىڭ 1 ‏- ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى كۈنى تەيۋەندىكى 5 چوڭ شەھىرىدىكى كىنوخانىلاردا كۆرسىتىلدى.

رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى ناھايىتى تەسىرلىك يورۇتۇلغان مەزكۈر فىلىم يەنە، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىلەن تام لانتۇس كىشىلىك ھوقۇق كومىسيونىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆرسىتىلىشكە قارار قىلىنغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "بۇ فىلىم، يالغۇز مېنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىم ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى،" دېدى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنى "تېررورچى" ھەمدە "بۆلگۈنچى" قالپاقلىرى بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رابىيە قادىر خانىم ھۆرلۈككە ئىنتىلگۈچى بارلىق ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن "ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى" دەپ تەرىپلەنگەندىن سىرت، دۇنيا نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئارقا ‏- ئارقىدىن ئۈچ قېتىم نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى ۋە نورۋىگىيىنىڭ خەلقئارا "رافتو تېنچلىق مۇكاپاتىغا" نائىل بولغاندىن سىرت، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.