ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيغۇر رايون يېزىلىرىدىكى مانا مۇشۇ خىل بۇلغىنىشلارنى تۈزەش ئۈچۈن 300 مىليون مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى پىلانسىز قۇرۇلۇشلىرى دېھقانلاردا بەلگىلىك نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئىكەن.
ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن تەبىئەتنى سۆيۈپ، ئۇنى ئاسراپ كەلگەن خەلق. گۈل تىكىپ، مېۋىلىك باغ ياساش، ئولتۇرغان ھويلا-ئاراملىرىنى يېشىللىققا پۈركەپ سەرەمجانلاشتۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئەمما ھازىر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر ۋە قاناس، سايرامغا ئوخشاش تەبىئىي رايونلاردىن ئېشىپ، يېزا-قىشلاقلاردىمۇ ئېغىرلىشىپ بارماقتا. بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە، يېزىلاردا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى»، «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» قاتارلىق قۇرۇلۇش پىلانلىرى، شۇنداقلا ھالقىما تەرەققىيات سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىچكىرىدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جاي-جايلاردا باشلىنىپ كەتكەن زاۋۇت-كارخانا قۇرۇلۇشلىرى جۈملىدىن بۇ قۇرۇلۇشلارغا خىش تەييارلايدىغان خۇمدانلار ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل.
بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-قىشلاقلارنىڭ مۇھىت ئەھۋالىنى تۈزەش ئۈچۈن 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە، پىلان بويىچە، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەندىكى ئادەم زىچ، مۇھىتى ناچار جايلار ۋە ئىلى، ئالتاي، چۆچەكتىكى تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايونلار ئاساس قىلىنغان ھالدا مۇھىتنى تۈزەش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ، دېيىلگەن. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دېگەن كۆز قاراشتا.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت مەسىلىسىنى تىلغا ئالغۇچىلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇڭا سىياسەت ئۆزگەرمىگۈچە بۇنىڭ يالغۇز مەبلەغ سېلىش بىلەنلا ئوڭشالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.