ئاتاقلىق ناخشىچى مۇرات ناسىروفنىڭ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

28-فېۋرال كۈنى، ئالماتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروفنىڭ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

3000 ئەتراپىدا تاماشىبىن قاتناشقان، ئۈچ سائەت داۋاملاشقان بۇ سەنئەت پائالىيىتىدە، مۇرات ناسسىروف ئۇيغۇرچە، رۇسچە ۋە قازاقچە ناخشىلارنى ئېيتىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېگە بولدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، ئالماتىدا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.