مىسىردىكى يېڭى قانۇن ماجىراسى
2012.12.19
شۇنىڭدىن كېيىن خەلق مىسىردىكى يېڭى ھاكىمىيەتنى قوللايدىغانلار ۋە ئۇنى ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرۈشنى خالايدىغانلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن مىسىردا يېڭى قانۇن توغرۇلۇق خەلقنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش قارار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ۋاقتى 15-دېكابىر كۈنىگە بەلگىلەنگەن ئىدى.
كۈتۈلگەن خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى ئۆتكەن شەنبە 15-دېكابىر كۈنى مىسىرنىڭ بارلىق شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يېڭى قانۇننى قوللايدىغانلار 56 پىرسەنتنى، يېڭى قانۇنغا قارشى چىقىدىغانلار 43 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن بولدى. يەنە ئىككىنچى قېتىملىق خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى 22-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مىسىر ھۆكۈمىتى توغرۇلۇق ئەرەبلەر ئىككىگە بۆلۈنگەن
مىسىردىكى يېڭى قانۇن ۋە خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى ھەققىدە ئەرەب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى بىر خىل ئەمەس. مىسىرنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلارمۇ ۋە ئۇنى قوللىمايدىغانلىرىمۇ بار. مىسىردا بولسا، ئاۋام خەلقنىڭ كۆپ سانلىقى ۋە دىنىي قاتلامدىكىلەر ھازىرقى مىسىر ھۆكۈمىتىنى ۋە دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. ئەمما سابىق رەئىس مۇبارەكنىڭ ھاكىمىيەت سۈرگەن دەۋرىدە مەنسەپ تۇتقانلار، كاپىتالىستلار، لىبىرالىزمچىلار، ناسىرىزمچىلار ۋە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى مىسىردا ياڭرىتىدىغانلار ھەممىسى بىرلىشىپ ھازىرقى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغان. ئۇلار بۇ يولدا ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ۋە نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان.
مىسرنىڭ سىرتىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىدىن قاتارغا ئوخشىغان مىسىرنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىرىمۇ ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىگە ئوخشىغان ھازىرقى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش تەرەپدارى بولغانلىرىمۇ بار. بۇ مەسىلىدە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆز قارىشى بىر خىل ئەمەس.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ2012-يىلى 17-دىكارى كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى ئابدۇراھمان راشىد تەرىپىدىن«مىسىردىكى خەلق رايىنى سىناش ۋە قاتارنىڭ 20 مىليارد دوللىرى»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ مەنسۇپلىرى ئەگەر مىسىرلىقلار ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ چىقارغان يېڭى دۆلەت قانۇنىنى قوللاپ ئاۋاز بەرسە، قاتار دۆلىتىنىڭ مىسىرغا 20 مىليارد دوللار ياردەم قىلىشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مىسىرنىڭ مۇقىملىقى بۇزۇلۇپ ۋەزىيەت يامانلىسىدىغان بولسا، قاتار ۋەدە قىلغان دوللىرىدىن بىر دوللارمۇ بەرمەيدۇ. بۇ ۋەدىلەر قۇرۇق ۋەدىلەر بولۇپ، خەلقنى دوكتور مۇرسىنىڭ ھۆكۈمىتىنى قوللاشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغان چىقماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن مىسىردىكى سەلەفىي جامائەتلەر دوكتور مۇرسى ئېلان قىلغان قانۇننى زورلۇق بىلەن كۈچكە ئىگە قىلىش توغرۇلۇق باياناتلارنى بەرمەكتە. مۇنداقتا، دوكتور مۇرسىغا قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى مىسىر دۆلىتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولدى، دېگەن دەۋالىرى راستلىققا ئايلىنىپ قالماقتا.»
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا يەنە«مۇرسىنى تەختتىن چۈشۈرۈشتىن كىم پايدا تاپىدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«مىسىردا سابىق رەئىس مۇبارەكنىڭ دەۋرىدە ھوقۇق تۇتقانلارنىن مىسىر رەئىسى دوكتور مۇرسىغا قارشى ھەرىكەتلىرى، خەلقنى كۈشكۈرتۈشلىرى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا كۆپىيىپ كەتكەن. ھەتتا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق مۇدىرى مۇھەممەد بىرادىئى ھازىرقى ھۆكۈمەت قانۇنسىز ھۆكۈمەتتۇر دەپ بايانات ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلغان. ھازىرقى ھۆكۈمەت قايسى تەرەپتىن قانۇنسىز بولسۇن؟ ئۇنى خەلق سايلىدى ئەمەسمۇ؟! مۇبارەك يانداشلىرى يەنە قاتارنى ھازىرقى ھۆكۈمەتنى قوللاش بەدىلىگە مىسىرغا پۇل تەكلىپ قىلدى دەپ ئەيىبلەپ كېتىدۇ. ئەمما ئۆزلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن نەچچە مىليارد دوللار ئېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىمەيدۇ. يەنە كېلىپ مىسىردىكى ئومۇم خەلقنىڭ ئاۋازىنى" ساۋاتسىزلار تەبىقىسىنىڭ ئاۋازى" دەپ كۆزگە ئىلمىدى. مۇنداق دېيىش ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تۆۋەن كۆرگەنلىك بولمامدۇ؟ چۈنكى ھازىرقى مىسىرنىڭ زىيالىيلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان، ساۋاتسىز ئادەملەر ئەمەسمۇ؟ كۆپ سانلىقنىن رايىنى قوبۇل قىلىش دېموكراتىيىنىڭ پرىنسىپلىرىدىن بىرى بولغان ئىكەن، كۆپ سانلىق ساۋاتسىز بولامدۇ ياكى زىيالىي بولامدۇ؟ بۇنىڭ نېمە پەرقى؟»