12 ياشلىق بالىنىڭ ئۆلۈم سىرىنى بىلىدىغانلار خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى بىلدۈردى

12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللا شەھيارىنىڭ 21-ماي كۈنى كورلا ساقچىخانىسىدا ئۆلگەنلىك خەۋىرى، 23-ماي كۈنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى ھەم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقە جىددىي ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

12 ياشلىق مىرزات ئامانۇللانىڭ كورلا ساقچىخانىسىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا 21-ماي كۈنى ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، 15 كۈنگىچە ۋەقە ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن ئىدى. 4-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەنمىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىگە بايانات بېرىپ، «مىرزات ئامانۇللانىڭ دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان جايىدا تاياق يەپ بېشى يېرىلغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش يولىدا ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ كورلا ساقچىخانىسىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئوخشاش بىر كۈندە خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋىرىنى، 28-ماي كۈنى خىتاي ئىچىدىكى تور بېكەتلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقاتقان پامىر ياسىننىڭ ئۆسەك سۆز تارقىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ساقچىخانىدا 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 23-ماي ھەم 1-ئىيۇن كۈنلىرى، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بەرگەن ئىدۇق. رادىئومىز ھەم ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى بۇ بالىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەردىن دادىسى ئامانۇللا شەھيارنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئەخمەد مۆمىن ئەپەندى بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 12 ياشلىق ئۆسمۈرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقە ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

ئەخمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىرزاھىدنىىڭ ئانىسى رىزۋانگۈل خانىم 22-ماي كۈنى، مىرزاتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دادىسى ئامانۇللاھ شاھيارغا تېلېفوندا بەرگەن خەۋىرىدە، كورلا ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، 20-ماي كۈنى كورلىدا دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان ئۆيدىن باشقا 4 بالا بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن مىرزاھىدنىڭ، 21-ماي كۈنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى دېگەن. ئەينى چاغدا رىزۋانگۈل خانىم ئوغلىنىڭ جەسىتىنى كۆرگەن چېغىدا بالىنىڭ بەدىنىنىڭ تاياق زەربىسىدىن كۆكىرىپ كەتكەنلىكىنى، بوينىدا بوغۇلغان ئىزنىڭ بارلىقىنى، ھەمدە بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ يېرىلغانلىقىنى، سول قولتۇقنىڭ ئاستىدا پاختا تىقىپ قويۇلغان تۆشۈكنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ، ئوغلىنى ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا 22-ماي كۈنى مەجبۇرى ھالدا يەرلىكىگە قويۇۋەتكەنلىكىنى، قەبرە بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقىمۇ يول قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رىزۋانگۈل خانىم يەنە شاياردىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىگە بېسىم ئىشلىتىپ، مىرزاھىدنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، جەمئىيەتكە «مىرزاھىد ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان يېرىدە ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۈۋالدى» دېيىشكە زورلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شاياردىكى ساقچى دائىرىلىرى مىرزاھىدنىڭ ئانىسى رىزۋانگۈل خانىم ۋە ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دادىسى ئامانۇللاھ شەھيار ئەپەندىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلاردىن ۋەقەنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

ئەخمەد مۆمىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى مەيلى قانداق بېسىم قىلمىسۇن، ئەھۋالنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ۋەقە ھەققىدە خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 24-ماي كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مىرزاھىدنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋىرىنى ھەم ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى خەۋەرنى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، «بوشۈن» تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ئىدى.

ئېلشات ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەنمىڭنىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىغا رەددىيە بەردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەينى چاغدا مىرزاتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى يوشۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ۋەقە يۈز بېرىپ 15 كۈندىن كېيىن مىرزاھىدنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان جايىدا تاياق زەربىسىدىن ئۆلگەنلىكىدەك يالغان خەۋەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارغا زەربە بېرىش ھەم دىنىي تەلىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جايلارنى بىراقلا يوقىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 8-مارت كۈنى كورلىنىڭ توۋرچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر پىدائىيلار خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئۆلگەن ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى كورلا تەۋەسىدە دىنىي زاتلارغا زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. مىرزاھىد دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان مەكتەپمۇ مانا شۇ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بايقىلىپ، مىرزاھىد ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان تۆت نەپەر ئۆسمۈر ئۇلارغا دەرس بەرگۈچى مۇدەررىس بىلەن بىرلىكتە 20-ماي كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن. رادىئومىز بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ھەقتە داۋاملىق ئۇچۇر بېرىشكە تىرىشىمىز.