سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر خەتتات خاتىرىلەندى

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىسى بولغان ئۇلۇغ كەبىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىگە ئالتۇن بىلەن يېزىلغان خۇشخەتلەرئارىسىدا" ئابدۇرېھىم ئەمىن "دېگەن ئىسىم ھېلىھەم كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ بىز سۆزىنى قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر خەتتاتنىڭ نامى ئىدى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبى تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان ۋە ناماز ھە م دۇئالىرىدا ئۇنىڭغا يۈزلىنىدىغان ئۇلۇغۋار قىبلىسى - كەبىنىڭ ھەر كۈنى مىڭلارچە كىشى قوللىرى بىلەن ئېسىلىپ، يۈزلىرىگە سۈرتۈپ كېلىۋاتقان ئالتۇن ئىشىكىگە بىر ئۇيغۇرنىڭ نامى يېزىلغانلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك كاتتا ئىشتۇر.

0:00 / 0:00

مەشھۇر ئۇيغۇر خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن

2008- يىلى 17- ماي كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا، كەبىنىڭ يوپۇغىنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتتە، كەبىنىڭ يوپۇغىغا خەت يېزىش ئىشىنىڭ باشلىنىش تارىخى ئۈستىدىكى باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستانى تارىخىدا كەبىنىڭ يوپۇغىنى دەسلەپ قىلىپ توقۇپ چىقىش ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان ۋە كەبىنىڭ ئىشكىدىكى ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن خۇشخەتلەرنى يازغان مەشھۇر ئۇيغۇر خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن توغرىلىق سۆز ئېچىلىپ، خەتتات ئابدۇلھەق قارى تۈركىستانى مۇنداق دېدى: " كەبىنىڭ يوپۇغىدىكى گۈزەل نەقىشلەر ۋە ئېسىل - چىرايلىق خەتلەر ئۈستىدە سۆز ئاچىدىغان بولساق، بۇ ھەقىقەتەن مۇقەددەس مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈزەللىكتۇر. ئىلگىرى كەبىنىڭ يوپۇغىدا خەت ياكى نەقىشلەرمۇ يوق ئىدى. بۇ ئىشنى دەسلەپ يولغا قويغانلار تۈركلەر بولۇپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە كەبىنىڭ يوپۇغىغا قۇرئان ئايەتلىرىنى خۇشخەت بىلەن يېزىش ئىشى باشلانغان ئىدى. شۇندىن بىرى مۇسۇلمانلار كەبىنىڭ يوپۇغىنى ئەڭ كۆركەم ۋە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە نەقىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. كېيىنچە ئىشلار تەرەققى قىلىپ، كەبىنىڭ يوپۇغىنى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش ئىچۈرۈلگەن خالىس يىپەك يىپى بىلەن قۇرئان ئايەتلىرىنى يېزىپ نەقىشلەش دەۋرى باشلىنىپ، شۇندىن بىرى ھەر يىلى بىر قېتىم ئالماشتۇرىلىدىغان كەبىنىڭ يوپۇغى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش ئىچۈرۈلگەن خالىس يىپەك يىپى بىلەن ئۈستىگە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى يېزىپ نەقىشلەش ئىشى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى قېتىم كەبە يوپۇغىنىڭ توقۇلۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشخەتلەرنى يېزىش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلغان كىشى مەشھۇر خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن ئىدى. مەرھۇم خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن شەرقىي تۈركىستاندىن بولۇپ، ۋەتىنىدىن كىچىك ئايرىلغان ۋە خەتتاتلىقنى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئۆگەنگەن ئىكەن. 1962- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش مەخسۇس فابرىكىسى تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغاندىن بىرى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئەمىن بۇ مۇئەسسەئەنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن."

ئابدۇرېھىم ئەمىن كەبىنىڭ ئىشىكىدىكى خۇشخەتلەرنى يازغان ئادەم

ئابدۇلھەق قارى تۈركىستانى خەتتات ئابدۇرېھىمنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ئابدۇرېھىم ئەمىن كەبىنىڭ 280 كىلو ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ھازىرقى ئىشىكىدىكى خۇشخەتلەرنى يازغان خەتتاتنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ۋە ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆز ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلاشتا ناھايىتى جىددىي ئىدى. كەبىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىگە ئالتۇن ھەل بىلەن خۇشخەتلەرنى يېزىشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئاشۇ كۈنلەرنى ئارام ئېلىش، ھاردۇقىنى چىقىرىۋېلىش دېگەنلەرنى قەتئىي ئۇنۇتقان ھالدا بېرىلىپ ئىشلىگەنلىكىنى پىشقەدەملىرىمىز سۆزلىمەكتە."

كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش فابرىكىسىنىڭ تارىخى

خەتتات ئابدۇلھەق قارى تۈركىستانىي يەنە مۇنداق دېدى:" سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتىكى مىسىر رەئىسى جامال ئابدۇلناسىر بىلەن ئارىسى بۇزۇلغانلىق سەۋەب بىلەن تارىختىن بىرى مىسىردىن كېلىۋاتقان كەبىنىڭ يوپۇغىنى مەككىگە ئېلىپ كېلىشتىن توسقان ۋە كەبىنىڭ يوپۇغىنى ئۆزىمىز توقۇيمىز دېگەن مەقسەت بىلەن مەككىنىڭ ھازىرقى كونا جىددە يولىدا "كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش فابرىكىسى" نى قۇرۇپ چىققان. ئابدۇرېھىم ئەمىن سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدە ئۇستا خەتتات بولۇپ تونۇلغانلىقتىن ، ئۇ مەزكۇر فابرىكىدا كەبىنىڭ يوپۇغىغا خۇشخەتلەرنى يېزىش ئىشلىرىغا تەيىنلەنگەن."

خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم 1993- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولغان.