ئىستانبۇلدا مەھمۇت قەشقەرىي ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يىغىن ئېچىلدى

تۈرك تارىخنىڭ تۇنجى تىل قامۇسى بولغان "تۈركىي تىللار دىۋانى" دېگەن كىتابنىڭ يازغۇچىسى تىلشۇناس ئالىم مەھمۇت قەشقەرىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ يازغان كىتابى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى تۈركىي سىستېمىسىدىكى پۈتكۈل مىللەتلەر ئۈچۈن نادىر ئەسەردۇر.

0:00 / 0:00

ب د ت مائارىپ ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى تەرىپىدىن 2008 ‏ - يىلنى مەھمۇت قەشقەرىي يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن 2008 ‏ - يىلىنىڭ باشلىرىدىن ھازىرغىچە ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر قانچە قېتىم مەھمۇت قەشقەرىي توغرىسىدا خەلقئارالىق يىغىن، مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلدى. 2008 ‏ - يىلىنىڭ مەھمۇت قەشقەرىي يىلى ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا 2008 ‏ - يىلى 6 ‏ - ئاينىڭ 8 ‏ - كۈنى ‏ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ۋافا ئانادۇل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يىغىن زالىدا مەھمۇت قەشقەرىي توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا " مەھمۇت قەشقەرىي ۋە ئۇنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان" دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئەنقەرە ، قەيسەرى ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن جەمئىي 500 دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە تۈركىي خەلقلەر ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا تۈركىيىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئەنجان ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلاردىن ئەمىن ئابدۇلغوپۇر قاتارلىق شەخسلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏ - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلقادىر دونۇك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

يىغىندا يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئوسمان سەرتكايا ئەپەندى، "مەھمۇت قەشقەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسىدە" تېمىدىكى رەسىملىك زىيارەت خاتىرىسىنى تەقدىم قىلدى. باغچىشەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ھەسەن كونىي ئەپەندى، "ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان چېگرىلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى تەسىرى" دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏ - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى پروفېسسور دوكتور مۇھەممەد يەلتېكىن ئەپەندى، "تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ماقال ‏ - تەمسىللەر جەھەتتىكى ئەھمىيىتى" دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏ - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور مۇستاپا ئۆزكان ئەپەندى، "تۈركچە تىلشۇناسلىق جەھەتتە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئەھمىيىتى" دېگەن تېمىدا، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور مۇستاپا كاچالىن ئەپەندى، "مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە" دېگەن تېمىدا، تىراكىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏ - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، "خاقانىيلار تۈرك تىلى ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى"، دېگەن تېمىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوچانت دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى، " شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ھازىرقى ۋەزىيىتى"، دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يازغۇچىسى تىلشۇناس ئالىم مەھمۇت قەشقەرىي 1008 ‏ - يىلى قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسى ئازاق مەھەللىسىدە دۇنيا كەلگەن. 1105 ‏ - يىلى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسى ئوپال يېزىسىدا بولۇپ، بۇ ئورۇن ھازىر چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بولۇپمۇ تۈركىي سىستېمىدىكى ساھايەتچىلەرنىڭ زىيارەت مەيدانىغا ئايلاندى.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد رىزابېكىن ئەپەندى سۆز قىلغۇچىلارغا شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلدى. كېيىن مەمتىمىن پوسما قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇيغۇر كلاسسىك ناخشا - مۇزىكىلىرى تەقدىم قىلىندى. يىغىن كەچلىك زىياپەت بىلەن ئاخىرلاشتى. بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندا يىغىنغا قاتناشقان ۋەتەنپەرۋەر زات مەمەت سەلەي ھاجىم بىلەن بۇ يىغىن ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.