ئۇيغۇر مۇمىيالىرىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىش مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىش ھەل بولدى
2011.02.14
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئامېرىكا جامائەتچىلىكىگە «شياۋ خې گۈزىلى» دەپ تونۇشتۇرغان ۋە لېكىن يەرلىك ئۇيغۇرلار «كىچىك مىرەن گۈزىلى» دەپ ئاتايدىغان قۇرۇق جەسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 مۇمىيانى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىشنى تۇيۇقسىز توختىتىپ، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئەسلى كېلىشىمگە ئاساسەن «كىچىك مىرەن گۈزىلى» كۆنچى دەريا بويىدىن تېپىلغان بوۋاقنىڭ جەسىتى ۋە چەرچەن زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 خىل ئارخىلوگىيىلىك قېزىلما 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قەدەر پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخىلوگىيە ۋە ئانتېروپولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلماقچى بولغان. لېكىن، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ 18-چېسلادىن باشلاپ كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بۇ جەھەتتىكى ئىختىلاپنىڭ ھەل بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇزېي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەرەپلەر «كىچىك مىرەن گۈزىلى» قاتارلىق ئۇيغۇر مۇمىيالىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگە قەدەر كۆرگەزمە قىلىشقا، لېكىن قالغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كۆرگەزمە قىلىشنى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشكەن.
پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىنىڭ باياناتچىسى پەم كوستي دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلۇش مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىدىكى چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. پەم كوستي «كۆرگەزمىنىڭ كېچىكىشىنى ئالاقىدىكى مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ھەقىقەتەن ئالاقىدىكى چۈشىنەلمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە. بۇ بىزنىڭ سىزگە دېيەلەيدىغان گېپىمىز» دەيدۇ. پەم كوستىي قۇرۇق جەسەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ كېچىكىشىنى خىتاي تەرەپنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى چىقارمىغانلىقىغا دائىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «بۇنىڭ، بۇ يەردىكى بىز قىلىۋاتقان بۇ ئىشلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بىزنىڭ ئارىمىزدا ئالاقىدىكى چۈشىنىشمەسلىك يۈز بەردى. بىز پەقەت بۇ يەردە قۇرۇق جەسەتلەرنى ۋە ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كۆرگەزمە قىلساقلا دەيمىز. شۇڭا بىز كۈندىلىك كۆرگەزمە ۋاقتىنى ئۇزارتتۇق. بىز ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى پۇقرالارغا قۇرۇق جەسەت ۋە ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كۆرسىتىپ، يىپەك يولى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى، غەرب بىلەن شەرق ئارىسىدىكى قەدىمكى ئالاقىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى ئويلايمىز. بۇ بىزنىڭ بۇ يەردە قىلماقچى بولغان ئىشىمىزدۇر» دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن پەن كوستى، قانداق مەسىلە ئالاقىدىكى ئۆز-ئارا چۈشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، بۇ چۈشەنمەسلىك نېمە ئۈچۈن خىتاي تەرەپنىڭ جەسەتلەرنى كۆرگەزمە قىلىشتىن تۇيۇقسىز يېنىۋېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ۋە شۇنداقلا 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قەدەر كۆرگەزمە قىلىنىدىغان جەسەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگە قىسقارتىلغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇزېي 18-چېسلا كۈنى قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. لېكىن، بۇ «كىچىك مىرەن گۈزىلى» قاتارلىق ئۇيغۇر قۇرۇق جەسەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىشى ئەمەس. جەسەتلەر 2010-يىلى كالىفورنىيە ۋە تېكساس شتاتلىرىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بولۇپمۇ، خىتاي تەرەپنىڭ جەسەتلەرنى پېنسىلۋانىيىدە كۆرگەزمە قىلىشنى تۇيۇقسىز بىكار قىلىشى غۇلغۇلا قوزغاپ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە گۇمانلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي تەرەپنىڭ كۆرگەزمىنى توختىتىپ قويۇشىدىكى سەۋەب سىياسىي مەسىلىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، قۇرۇق جەسەتلەر خىتاينىڭ «شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن تارتىپ بىر قىسمى» دەيدىغان شوئارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئامېرىكىلىقلاردا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ قارىشىنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىلىم ساھەسىدىكى بەزى زاتلار بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇن تارىمدا ياشىغان مەزكۇر خەلقنىڭ ياۋروپا ئېرىقىدىكى ئاھالىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى دەۋردە تۈركلىشىپ، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن، قۇرۇق جەسەتلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار ئارىسىدا كىچىك مىرەن ۋە ئېتىراپتىكى رايونلاردا ياشىغان قەدىمكى خەلقىنىڭ كىملىكى، ئىرقىي ئالاھىدىلىكى ۋە تىلى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت. ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ۋېكتور مېيىرنىڭ قارىشىچە، بۇ رايوندا قەدىمكى تۇخرىلار ياشىغان بولۇپ، شۇڭا «كىچىك مىرەن گۈزىلى» بىر تۇخرى قىزىدۇر. ئۇ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئانتېروپولوگىيە ۋە ئارخىلوگىيە مۇزېيىدا سۆزلىگەن قۇرۇق جەسەتلەر ھەققىدىكى لېكسىيىسىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
ۋېكتور مېيىر، «بىزدە تۇخرىلارغا ئائىت نۇرغۇن يازمىلار بار. ئۇلار 6-ئەسىردىن تارتىپ 9-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋەسىقىلەر شۇنداقلا قىزىلدىن تېپىلغان ئۇلارغا ئائىت رەسىملەر بار. بىز تۇخرىلارنىڭ چىرايىنىڭ ياۋروپالىقلارغا ئوخشايدىغان قىزىل چاچلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. تۇخرى تىلىنىڭ ئەڭ قەدىمى 2-ياۋروپا تىلى ئىكەنلىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئەڭ قەدىمى ياۋروپا تىلىنىڭ ھېتىت تىلى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك. ئەگەر بايبىلنى ئوقۇغانلار بولسا ئاناتولىيىدە ياشىغان ھېتىتلار ھەققىدىكى بايانلارنى ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا تۇخرى تىلى 2-قەدىمىي ياۋروپا تىلى. 1-قەدىمىي ياۋروپا تىلىنى ھېتىت تىلى دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، پروفېسسور ۋېكتور مېيىرنىڭ بۇ قارىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئۇنىڭ قانداق پاكىتلارغا ئاساسەن، 6-ۋە 7-ئەسىردە تېپىلغان تۇخرى تىلى ۋە ياكى يەرلىكلەر قەدىمكى قارا شەھەر-كۇچار تىلى دەپ ئاتايدىغان بۇ تىلنى، بۇنىڭدىن 3000-4000 مىڭ بۇرۇن لوپنۇر-كرورەن رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تىلى بىلەن ئوخشاش دەپ قارايدىغانلىقىنى سورايدۇ.
بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار تۇخرى تىلى بىلەن قەدىمكى كرورەنلىكلەرنىڭ تىلى ھىندى ياۋروپا تىلى ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىسىمۇ، لېكىن كرورەنلىكلەرنىڭ كارۇشتى يېزىقى قوللىنىدىغانلىقىنى، ئۇلار ھىندى ياۋروپا تىلىنىڭ تۇخرى تىلىغا ئوخشىمايدىغان بىر ۋارىيانتىدا سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن، مۇتەخەسسىسلەر قەدىمكى كرورەنلىكلەر ۋە ياكى تۇخرىلارنىڭ كېيىنكى دەۋردە ئۇيغۇرلارغا سىڭىشىپ كەتكەنلىكىدە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە. پروفېسسور ۋېكتور مېيىر بۇ قاراشنى رەت قىلمايدىغان ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىدىكى لېكسىيىسىدە، قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇنىڭدىن 1300 يىل بۇرۇن ئاسىيالىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز يىپەك يولىدىكى سىر، دەپ نام قويغان بۇ كۆرگەزمە نوقۇل قۇرۇق جەسەتلەر ھەققىدە ئەمەس. بۇ قۇرۇق جەسەتلەر ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملار شۇنداقلا قۇرۇق جەسەتلەر ياشىغان دەۋردىكى خەلقلەر غايىب بولغاندىن كېيىن قانداق بولدى؟ ئۇلار رايوندىكى كېيىنكى خەلقلەرگە قانداق ئۆرپ-ئادەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى دېگەن مەسىلىدۇر. قۇرۇق جەسەتلەر بۇنىڭدىن 3800 يىل بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپ، بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت. ئەڭ كونا قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ چىرايى پۈتۈنلەي ياۋروپالىقلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار غەربتىكى مەلۇم بىر جايدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇنىڭدىن 2500 يىلدىن باشلاپ ئۇلار شەرقىي ئاسىيا ئېلېمېنتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، چىراي ۋە گېنىتىك جەھەتتە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا باشلىغان ۋە بۇنىڭدىن 1300 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمنىڭ چىرايىدا ئاسىيا تىپى گەۋدىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن.» بەزى مۇتەخەسسىسلەر، قەدىمكى كرورەنلىكلەر، تۇخرىلار ۋە قەشقەر، خوتەن رايونىدىكى قەدىمكى ساكلارنىڭ تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ھازىرقى قارا شەھەر، كۇچا، چەرچەن، خوتەن، قەشقەر خەلقلىرىدە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ "تۈركى تىللار دىۋانى"دا بۇنىڭغا دائىر نۇرغۇن مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.