نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئۆمۈرلۈك پرېزىدېنت بولۇشى مۇمكىن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.09.16
2009.09.16
AFP Photo
قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز ئۆسۈۋاتقان دۆلەت. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەزكۇر دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ ئابرويىنىڭمۇ ئۆسۈۋاتقانلىقى ۋە قازاقىستان پۇقرالىرى ئارىسىدا ئىشەنچ ھەم ھۆرمەت قوزغاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
بۇ ئارىدا قازاقىستاندىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى جۈملىدىن قازاقىستان پارلامېنتىدا ئەڭ كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەن "نۇر ۋەتەن" پارتىيىسى بىردىنلا "دۆلەت رەھبىرى" قانۇنى لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نۇرسۇلتان نازاربايېۋنى مەڭگۈلۈك پرېزىدېنت قىلىپ بېكىتىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ قازاقىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 14 - سېنتەبىر كۈنى "نۇر ۋەتەن" پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دارخان كالېتايېۋ بايانات ئېلان قىلىپ، نازاربايېۋنىڭ قازاقىستانغا قوشقان خۇسۇسىي تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنى بۇ دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك پرېزىدېنتى قىلىپ بېكىتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، نازاربايېۋنى "پەقەتلا پرېزىدېنتى بولۇپ قالماستىن بەلكى، مەملىكەتنىڭ ئېتىراپ قىلغان داھىيسى" دەپ كۆرسىتىش بىلەن "دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى قانۇنلارغا ئۆزگەرتىلىشى كىرگۈزۈپ، رەھبىرىمىزنىڭ ئۆز ئورنىدا داۋاملىق قېلىشىنى تەمىن ئېتىش كېرەك،" دېگەن.
مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە قازاقىستان ئۆزىنىڭ مول ئېنېرگىيە زاپىسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نىسبەتەن تېز تەرەققىياتى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. ياۋرو - ئاسىيادىكى يەر مەيدانى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان قازاقىستاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقلىرىغا ئەگىشىپ بۇ دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىلگەن بىر جەمىيەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.
2000 - يىلى قازاقىستان پارلىئامېنت "دۆلەتنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى" دەپ ئاتالغان بىر قانۇن چىقىرىپ، نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ مۇستەقىل قازاقىستان دۆلىتىنى قۇرغان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا شۇ نامدا ئوردېن تەقدىم قىلغان ئىدى.
قازاقىستان ئانالىزچىلىرىنىڭ يېزىشىچە، نازاربايېۋ "نۇر ۋەتەن پارتىيىسى" نىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئادەتتە مەزكۇر پارتىيە پرېزىدېنت پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭغا پرېزىدېنتنىڭ جەمەتى ۋە يېقىنلىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىۋاتقانلىقى قازاقىستان تەنقىدچىلىرى تەرىپىدىن دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ. مەزكۇر پارتىيە نازاربايېۋنىڭ قازاق دۆلەتچىلىكىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالايدۇ.
قازاقىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ پرېزىدېنتلىك مۆھلىتى 2012 - يىلى توشىدۇ. بىراق، 2007 - يىلىدىكى يېڭى قانۇن بويىچە پرېزىدېنت يەنە ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش مۈمكىنكىنچىلىكىگە ئىگە بولۇپ، شۇنداق بولغاندا، نازاربايېۋنىڭ 2012 - يىلى يەنە قايتا سايلىنىپ ۋەزىپە ئۆتۈشىنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ مەۋجۇت ئىكەن.
مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرىنىڭ مۆھلىتى مەسىلىسى قىزىقارلىق تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ۋەزىپە ئۆتۈگەن مەزكۇر سابىق كومپارتىيە سېكرىتارلىرى ئۆز خەلقلىرى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان داۋاملىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرۇپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسلام كەرىموۋ، نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئىزچىل ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شەخسلەردۇر. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ ۋە تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئەمام ئەلى راخمانمۇ ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىلىرىگە ئولتۇرغان ئىدى. تۈركمەنىستاندا بولسا، مەڭگۈلۈك پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن سەپەر مۇرات نىيازوف پەقەت ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، يېڭى پرېزىدېنت قۇربانگۈل بەردى مۇھەممەدوۋ تەختكە چىققان ئىدى.
نۇرسۇلتان نازاربايېۋنى ئۆمۈرلۈك پرېزىدېنت قىلىپ بېكىتىش تەشەببۇسلىرى بۇنىڭدىن ئىگىلىرىمۇ مەيدانغا چىققان بولۇپ، پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 10 - سېنتەبىر كۈنى نازاربايېف ئۆزى قاتناشقان ئاقتۈبە ئوبلاستىدىكى بىر ئاممىۋى مۇراسىمدا سۆزگە چىققان خەلق ۋەكىلى پۈتۈن ئوبلاست خەلقى نامىدىن كەلگۈسىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نۇرسۇلتان نازاربايېۋنى قازاقىستاننىڭ ئۆمۈرلۈك پرېزىدېنتى قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
قازاقىستان 2010 - يىلى ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ قازاقىستاننىڭ خەلقئارالىق ئابرويىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بەرگەنلىكى ئۈچۈن پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتنى ئىگلىرى سۈرۈش ۋە كۈچەيتىشكە ھەسسە قوشۇش ھەققىدە ۋەدىلەر بەردى.