نېگىرىيىدىكى دېلتا ئازادلىق تەشكىلاتى چەتئەل نېفىت بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

نېگىرىيىدە ئازادلىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان دېلتا ئازادلىق تەشكىلاتى، بۇ يىل 14 ‏ - سېنتەبىر كۈنى نېگىرىيە دۆلەت ئارمىيىسى ۋە رايوندىكى نېفىت بازىلىرىغا قارىتا ئۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە بۇ تەشكىلات دۆلەت ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ 26 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما، نېگىرىيە بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلات بۈگۈن يەنە دۆلەت ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى، رايوندىكى بىر قانچە نېفىت بازىسىنى پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ غەلىبە تەنتەنىسى قىلدى. نېگىرىيە دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ساگىر مۇسا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتىنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىكى توقۇنۇشنىڭ 1 سائەت داۋام قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دېلتا ئازادلىق تەشكىلاتى 1990 ‏ - يىللاردا قۇرۇلغان، ئۇلار ئۆزلىرىنى نېگىرىيىدىكى ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن بىرى ئوگونىيلارنىڭ ۋەكىلى دەپ قارايدۇ. ئوگونىيلار نېگىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى نېگىر دېلتىسىدا ياشايدىغان يەرلىك مىللەتلەردىن بىرى بولۇپ، نوپۇسى بىر مىليون ئەتراپىدا. ئوگونىيە نېگىرىيىنىڭ ئاساسلىق نېفىت بازىسى.

ئوگونىيلار، نېگىرىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن شىكايەتچى. دېلتا ئازادلىق تەشكىلاتى بۈگۈنكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: " بىز 50 يىلدىن بېرى دەردىمىزنى، ئېغىز ئارقىلىق، قەلەم ئارقىلىق ۋە لوزۇنكىلار ئارقىلىق بىلدۈرۈپ كەلدۇق، ئاۋازىمىزغا قۇلاق سالغۇچىلار چىقمىدى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمىمىز، نېگىرىيە ھۆكۈمىتى ئوگونىيلارنىڭ ھوقۇقىنى تولۇق تونۇغان، ئادالەتسىزلىكلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىز بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ." دېلتا ئازادلىق تەشكىلاتى 2006 ‏ - يىلدىن باشلاپ قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى باشلىغان.

نېفىتلىكلەرگە ئوت قويۇش، نېفىت تۇرۇبىلىرىنى پارتلىتىش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كۈرەش شەكلى بولۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلات 2006 ‏ - يىلدىكى باياناتىدا، ئۆز تۇپراقلىرىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىنى پائالىيىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان، نېگىرىيە دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 2006 ‏ - يىلدىكى بىر قاتار ھۇجۇملاردىن كېيىن، بىر قىسىم چەتئەل شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى توختاتقان، بۇنىڭ بىلەن نېگىرىيىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىدا %10 تۆۋەنلەش بولغان، مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەزىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوگونىيىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن رايوندا تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

ئوگونىيلارنىڭ مىللىي ھەرىكەت يېتەكچىلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ سۈيىقەستلىرى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن، 2000 دىن ئارتۇق كىشى تۈرمىگە تاشلانغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2005 ‏ - يىللىق دوكلاتىدا، نېگىرىيە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دەپ تەنقىدلەنگەن ۋە ئوگونىيلارنىڭ ھەقسىز مۇئامىلىگە يولۇقۇۋاتقانلىقى بايان قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ، نېگىرىيە ھۆكۈمىتىنى ئوگونىيىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبكارى دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

نېگىر دېلتىسىدىكى چەتئەل نېفىت شىركەتلىرى ئارىسىدا خىتاي نېفىت شىركىتىمۇ بار، ئەمما بۇ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان نېفىت قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئارىسىدا خىتاي شىركىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. نېگىرىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت 35 يىللىق تارىخقا ئىگە؛ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 2006 ‏ - 2007 ‏ - يىللىرى ئارىسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بىر قاتار كېلىشىملەر تۈزۈلگەن.

خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ دۇنيادىكى تېنچسىز رايونلاردا، بولۇپمۇ دىكتاتور ھاكىمىيەت ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بۇ تۈر ھەمكارلىقلىرىنى ئاقىۋەت ئۆزلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

3 ‏ ئاينىڭ ئالدىدا بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىلىق بىر مۇتەخەسسىس خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت قۇرۇلۇشىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھامان بىر كۈنى رايوندىكى قارشى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مۇساپىلىك نېفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

مەزكۇر مۇتەخەسسىس يەنە، شۇ قېتىمقى ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسىنىڭ تىبەت ئەمەس، ئۇيغۇر رايونى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھازىرقى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ غايىسىنىڭ نېفىت قۇدۇقلىرىنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

دېلتا ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆز رايونىدا ئېلىپ بارغان نېفىت بازىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇملىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي نېفىت بازىلىرى ھەققىدىكى تەخمىنلىرىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە.