نىجات تۇرغۇن: «تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى بىر...»
2012.12.11
10-دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خاتىرە كۈنىدە شۋېتسىيە مائارىپ جەمئىيىتى بىلەن شۋېتسىيە تىبەت جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن خىتايغا قارشى ئاممىۋى نامايىشتا نىجات تۇرغۇن يۇقىرىقى سۆزلەرنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى نامايىش شۋېتسىيىدە نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. دۇنيا ئاخباراتلىرىنىڭ كۆزى شۋېتسىيىگە تىكىلىپ تۇرغان مانا مۇشۇ پەيتلەردە، ستوكھولىمدىكى چوڭ-كىچىك گېزىتلەر ئارقا-ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق دىكتاتور ئەللەر ئىشپىيونلىرىنىڭ شۋېتسىيىدىكى يوشۇرۇن پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خاتىرە كۈنىگە شۇنداقلا شۋېتسىيىدىكى ئالاھىدە بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بۇ قېتىمقى ئاممىۋى نامايىشتا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىش مۇھىم شوئار قىلىندى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيە تىبەت جەمئىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلىقتا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدىكى ئىش بىرلىكى ۋە ھەمكارلىقنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مىللىي دەۋا ئىشلىرىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ھېسداشلىق قىلغۇچى بىر قىسىم شۋىتلار شۇنداقلا شۋېتسىيىدىكى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاكتىپلار ئىشتىراك قىلدى. نامايىش ستوكھولىمدىكى شۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا باشلىنىپ، شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا داۋاملاشتى.
نىجات تۇرغۇن ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ كۈنتەرتىپلىرى، ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم مەسىلىلىرى شۇنداقلا ئىلگىرى سۈرۈلگەن رېئال ئۈنۈمى ھەققىدە ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.