نورۋېگىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى جەريانى

بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن خىتاي دېموكراتچىسى ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىش قارار قىلىنغاندىن تارتىپ 10-دېكابىر مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە نوبېل كومىتېتىغا تۈرلۈك دىپلوماتىيە يوللىرى بىلەن قارشى تۇرۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلماسلىقى ئۈچۈن بارلىق كوزۇرىنى ئىشقا سالدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل
2010.12.17

ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋەقەسىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن خۇ جىنتاۋ نورۋېگىيىگە ئىككى يىللىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى چىقاردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ دەرىجىدە غەزەپلەندۈرگەن نەرسە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق ئىقتىسادى دوستانە مۇناسىۋەتنىڭ نورۋېگىيە تەرەپتىن ھېسابقا ئىلىنمىغانلىقى ياكى يۈز-خاتىرە قىلىنمىغانلىقى بولۇپ، بۇ ھەقتە نورۋېگىيىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئىككى تەرەپنىڭ تارىخى مۇناسىۋىتى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.

نورۋېگىيە بىلەن خىتاي 1954-يىلى 5-ئۆكتەبىردە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان. 2007-يىلى نورۋېگىيىنىڭ خىتايغا قارىتىپ يولغا قويماقچى بولغان پىلانلىق ئىستراتېگىيىسىدە سودا، ئىنسان ھەقلىرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەندىزىسى، خەلقئارالىق ھەمكارلىق، مۇھىت ۋە كىلىمات قاتارلىق بەش تەرەپ ئاساسى نىشان قىلىپ بېكىتىلگەن

1997-يىلىدىكى نورۋېگىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغان ھەم نورۋېگىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش مەسىلىسىدە مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتكەن.

1963-يىلدىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ماقۇللانغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى 2009-يىلى خىتاينىڭ سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى چەن خاۋگۇاڭنىڭ نورۋېگىيە زىيارىتىدىن كېيىن قايتا يېڭىلانغان بولۇپ، بۇ مەدەنىيەت ھەمكارلىقى، ئوقۇتۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىدە ئالغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقات دائىرىسى سۇ، كىسلاتالىق يامغۇر، كىلىمات، قۇتۇپ ئامىلى، بېلىقچىلىق، سەھىيە، دورىگەرلىك،كارخانا ئىقتىسادى ۋە رەھبەرلىك سەنئىتى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش جەھەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلغان بولۇپ،نورۋېگىيىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار سانى باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي تىلىنى نورۋېگىيە ياكى خىتايدا تۇرۇپ ئۆگىنىدىغان نورۋېگلار تەدرىجىي كۆپەيگەن. نورۋېگىيىدە 700 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى ئوقۇغان بولسا، 300دىن ئارتۇق نورۋېگ ئوقۇغۇچى قىسقا ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بىلەن خىتايدا ئوقۇغان.

2007-يىلى كۈزدە بېيجىڭ چەتئەت تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇنجى قېتىم نورۋېگ تىلى بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى بېرىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا نورۋېگىيە جەمئىيىتى ۋە تىلى ھەققىدىكى بىلىمنى ئۆستۈرۈش ئاساسى مەقسەت قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى ئىشلار ۋە ئەلچىلەر مۇناسىۋىتىدىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن. يەنە ئىككى تەرەپ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ب د ت سىستېمىسى ۋە دۇنيا بانكىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان. 2009-يىلنىڭ ئۆزىلا نورۋېگىيە خىتايغا 100 مىليون كرونەر (تەخمىنەن 16.67 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ياردەم قىلغان. 2010-يىلىدىكى ماي ئېيىدىن ئۆكتەبىرگىچە داۋاملاشقان شاڭخەي خەلقئارالىق كۆرگەزمىدە نورۋېگىيە شاڭخەيدە كۆرگەزمە سارىيىنى ياساپ بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقان.

1995-يىلدىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىيارەت، بولۇپمۇ نورۋېگىيىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادى، سودا ۋە تۈرلۈك دىپلوماتىيە تەرەپلىرىدىكى زىيارىتى تېز يۈكسەلگەن. 2004-يىلدىن بېرى پادىشاھ، خانىش ۋە شاھزادىدىن باشقا مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭلا خىتايغا قارىتا ئېلىپ بارغان زىيارىتى 31 قېتىمغا يەتكەن بولسا،2005-يىلدىن بېرى خىتاينىڭ سابىق ۋە ھازىرقى مىنىستىرلىرىنىڭ نورۋېگىيىگە قىلغان زىيارىتى 8 قېتىم بولغان.

بۇنىڭدىن باشقا 2004- يىلدىن 2009-يىلغىچە نورۋېگىيىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان تاۋارلىرىنىڭ ئومۇمى قىممىتى 123 مىليارد 766 مىليون كرونەرگە يەتكەن بولسا، خىتايغا ئېكسپورت قىلغان تاۋارلىرىنىڭ ئومۇمى قىممىتى 4 مىليارد 876 مىليون كرونەرگە يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.