نورۋېگىيىنىڭ گجۆۋىك شەھىرىدە جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى

نورۋېگىيىنىڭ گجۆۋىك شەھىرىدە ئۇيغۇرلار جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇشقا باشلىغاندىن بېرى 12-نويابىردىكى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئىش كۈنى تەرتىپىگە قويۇپ كەلمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2012.11.19
jumhuriyet-kuni-2012-norwegiye-305.jpg نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش كۈنى سۆز قىلدى. 2012-يىلى 12-نويابىر.
RFA/Aygul Yusup

بولۇپمۇ، بۇ كۈندە ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چىقىرىشنى ئۇنتۇماسلىق بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئادەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 17-نويابىر كۈنى گجۆۋىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش كۈنىگە ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللىك مېھمانلاردىن ئاتمىشتىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئىستىقلال مارشىنى ئورۇنلاش، نۇتۇق سۆزلەش، جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى ئۈچۈن تەييارلانغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش، ۋە ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئورۇنلانغان.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر. 2012-يىلى 12-نويابىر، نورۋېگىيە.
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر. 2012-يىلى 12-نويابىر، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul Yusup

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېقىندىن ھەمكارلاشقان گجۆۋىك شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كەلگەن مېھمانلارغا، پائالىيەت ئۈچۈن سەنئەت نومۇرلىرىنى خالىسانە تەييارلاپ كەلگەن ئارتىسلارغا ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

گۆۋىك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق پاتىمە خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ شۇ تاپتىكى ھاياجانلىرىنى ئىپادە قىلدى.

ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىدىمۇ شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋىتى ۋە دۇئالار قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.