خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدە نورۋېگىيىدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقىنىغا 62 يىل بولغان كۈن.

0:00 / 0:00

بۇ كۈندە نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىۋاسىتە چاقىرىقى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى بىلەن پايتەخت ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقى، دېموكراتىيىسى ۋە ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى ئەڭ ئالدى بىلەن بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە توختالدى.

norwigiye-namayish-xitay-dolet-bayrimi2-385.jpg
خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدە نورۋېگىيىدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى. 2011-يىلى 1-ئۆكتەبىر. (RFA/Aygul)

تەشكىلاتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن بولغان ئۆمەر ھاجىم ئۆزىنىڭ ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان چەكسىز غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئۆز نۇتۇقلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

ياش قىز زۇبەيدە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدىن ئىبارەت ماتەم كۈنىدە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى ۋە قايسى ئىشتىن ئۆزلىرىنى يىراق تۈتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 62 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي، ئىقتىسادى، سىياسىي، مەدەنىيەت، تىل ۋە باشقا تەرەپلەردە كەڭ كۆلەملىك يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق، باستۇرۇش، قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيىسىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى جاراڭلىق شوئارلار بىلەن ئىپادە قىلىۋاتقان نامايىشچى خانىملاردىن نىلۇفەر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

نامايىش جەريانىدا يەنە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ھەققىدە توختالغان نىغمەت ھاجىم يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نامايىشچىلار كۈن تەرتىپلەرنى تولۇق ئورۇنداپ نورۋېگىيە ۋاقتى سائەت ئۈچتىن ئۆتكەندە نامايىشنى ئاخىرلاشتۇردى.