نورۋېگىيىدە ئولىمپىكقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

3 - ماي كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىكقا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش بولۇپ، ئەر-ئايال ،بالىلار ۋە قوشنا دۆلەت شىۋىتىسىيىدىن كەلگەن مېھمانلاردىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار قوشۇنى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق، شەرقىي تۈركىستانغا دېموكراتىيە بولمىسا ئولىمپىك بولمايدۇ قاتارلىق شۇئارلار يېزىلغان لوزۇنكا ،پىلاكاتلارنى كۆتىرىشىپ شۇئار توۋلاپ، ئوسلونىڭ قايناق كوچىلىرىدىن بىرى بولغان كارل جوھان كوچىسىدىن ئۆتتى.

باشلىرىغا چىرايلىق ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيگەن كىچىك دوستلار ۋە باشقا نامايىش ئىشتىراكچىلىرى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ، ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى چۈشەندۈرۈپ تەييارلانغان 500 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى ئەتراپتىكى نامايىشنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقان كۆپلىگەن نورۋېگ ۋە بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە تارقىتىپ ئۇلارنىڭ زور دەرىجىدە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

نامايىشچىلار پايتەخت ئوسلونىڭ ساياھەت رايونىنىڭ بىرى بولغان دېڭىز بويىغا جايلاشقان نوبېل ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا تەشۋىق ۋەرەقىسى تارقاتتى ۋە ئەتراپتىكى نامايىشنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن چەتئەللىكلەر ۋە نورۋېگلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلەپ ئۇيغۇر ئىلى، ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ بىگۇنا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەتراپتىكىلەرگە يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

نامايىشقا قاتناشقان ئۆمەر ھاجى، كىچىك دوست تۇمارىس، ۋە يەنە بىر ئۇيغۇر يىگىتى نامايىش ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئولىمپىكقا قارشى نارازىلىق نامايىشى نوبېل ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالدىدا نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.