نورۋېگىيىدە ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋالدى

ئون ئىككى ئاينىڭ سۇلتانى ھېسابلىنىدىغان روزا ئېيى باشلىنىپ پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسى بۇ مۇبارەك ئاينى كۈتۈۋالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯘﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.04

 مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يېقىندا ھەيئەت ئەزالىرىنى يىغىپ يىغىن چاقىرىپ يېقىنقى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا روزا ئېيى مەزگىلىدىكى ئوپچە ئىپتارلاش، دىنىي تەبلىغ قىلىش، ئۆشرە - زاكات، پېترى تاپشۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئۆز - ئارا كېڭەش ئېلىپ بېرىپ، بۇ قاتاردىكى دىنىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنىي بىلىم چۈشەنچىسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا سانىلىدىغان نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ رامىزان ئېيىدا ئىسلام دىنىدىكى بەش مۇھىم پەرىزنىڭ بىرى بولغان روزا تۇتۇش پائالىيىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئىقتىسادى ۋە مەنىۋىي تەييارلىقى بىلەن خاتىرجەم ھالدا باشلىۋەتتى.

شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان نورۋېگىيە گەرچە خرىستئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر مۇسۇلمان ۋە ياكى باشقا بىر دىندىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي ھەق - ھوقۇقى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىمايدۇ، ئەكسىچە، قانۇن تەرىپىدىن قاتتىق قوغدىلىنىدۇ. بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن ئاسمان - زېمىن زور پەرق بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشى، نورمال دىنىي ئىبادەت قىلىشى ھەتتا رامىزان ئېيىدا ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىك تىجارىتىنى توختىتىشىغىمۇ ھوقۇق بېرىلمىگەن ھەقسىزلىقى بىلەن سېلىشتۇرمىسى ئىنتايىن زور بولغان پەرقتۇر.

نامراتلىق، ھوقۇقسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتايىن كۆپ كىشىلەرنىڭ روزا ئېيىدا ياخشى يەپ - ئىچىپ روزا تۇتۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقتىسادىي شارائىتى بولمىسىمۇ، لېكىن روزا تۇتۇشنىڭ خاسىيىتى ۋە ئاللاھقا بولغان چوڭقۇر ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ناچار يېسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ دىنىي پەرزىنى ئادا قىلىشنى دىنىي بۇرچى دەپ بىلىپ كېلىۋاتقانلار بەكمۇ كۆپ.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئۆمەر ھاجىم بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى سىلەرگە سۇندۇق.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.