مۇسابىقىگە نورۋېگىيىدە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر پۇتبولچىلار ئەترىتىنىڭ تېرىنېر، ئەزالىرى ۋە تەشكىلات ھەيئەتلىرى ئىشتىراك قىلدى. خىتايدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىمۇ نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئۆز - ئارا كەسكىن مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كومىتېت قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەبرىكلىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نورۋېگىيىگە كېلىپ يەرلىشىش تارىخى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس بولۇپ، ئۇيغۇرلار پەقەت 1999 - يىلدىن باشلاپ سىياسىي كۆچمەن سۇپىتىدە بۇ يەرگە كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىغان. ھازىر نورۋېگىيىدە تەخمىنەن 400 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسى، ئىقتىسادى، دىن، مەدەنىيەت ۋە باشقا بارلىق ساھەلەر بۇيىچە باستۇرۇش، چەكلەش، كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىش سىياسىتى تىزلىك بىلەن يۈرگۈزۈلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ھەتتا پۈتكۈل مىللىي مەۋجۇتلۇقى جىددىي تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا ۋەتەن مىللەت - تەقدىرىگە كۆڭۈل بولۇش، مىللەتنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلق ۋە ھۆكۈمەتلەرگە ئاڭلىتىش، ۋەتەن - مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، نۆۋەتتە دېموكراتىك غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى بۇرچى ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىسى. بۇ ئىش ئەلۋەتتە تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرگە ئويۇشۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىمۇ دەل مۇشۇ خىل زورۇرىيەت ۋە مەقسەتلەر ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مۇستەقىل ئىجتىمائىي تەشكىلات سۇپىتىدە 2003 - يىلى قۇرۇلغان ئىدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغان قىسقىغىنا بىر قانچە يىل ئىچىدە، بىر تەرەپتىن نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قان - قېرىنداشلىق ۋە ئورتاق مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا،ئۆم،ئىناق بىر مىللى جامائەتچىلىك بولۇپ شەكىللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۇركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى، كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە نورۋېگىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. بۇ يىل كومىتېت يەنە خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىنى نەزەردە تۇتۇپ نورۋېگىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىر پۇتبول ئەترىتى قۇرۇپ چىقتى. بۇ پۇتبول ئەترىتى پايتەخت ئوسلو ۋە جۆۋىك شەھىرىدە ئىككى قېتىم پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى شۇ كۈنى ئوسلو ۋاقتى بىردىن بەشكىچە داۋاملىشىپ ئۈچكە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن نەتىجىلىك تاماملاندى.