نورۋېگىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا يەنە 12 - نويابىر كۈنى 1933 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان كۈرەش تارىخىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان پائالىيەت بولۇپ،بۇ كۈننى ئەستىن چىقارماسلىق ۋە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىگە چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىكى رەھبەرلەر ۋە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نورۋېگىيىنىڭ جۆۋىك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتى 12 - نويابىر خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئەڭ ئالدى بىلەن باشلىۋەتتى. ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغىنى ئۇلار ئەتىگەندىلا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا تەبرىك تېلېفۇنلىرىنى بېرىشكەندىن باشقا يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئىشىك ئالدىغا ئېسىپ خاتىرىلەش كۈنىگە ئالاھىدە مەنا قوشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن كەچ سائەت سەككىزگىچە مەخسۇس خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ پائالىيەتكە ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن باشقا شۇ يەردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى نورۋېگلارمۇ تەكلىپ قىلىندى .

پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىشىپ،ئۇيغۇرچە تائاملارنى زال ئىچىگە تىزىپ پائالىيەت مەزمۇنىنى بېيىتتى. پائالىيەت يېتەكچىلىرى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ھەققىدە مېھمانلارغا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتتى . ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىملار قۇيۇلۇپ نورۋېگ مېھمانلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ناخشا - مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ پائالىيەتكە تېخىمۇ يېڭى مەزمۇن قوشتى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەققىدە، شۇنداقلا، پائالىيەتكە قاتناشقان نورۋېگلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

15 - نويابىر كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى پايتەخت ئوسلودا يەنە بىر قېتىم جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ مەزكۇر پائالىيەت كۈنىدە يەنە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇتبولچىلار ئەترىتىگە يېڭىدىن لايىھىلىنىپ تىكىلگەن تەنھەرىكەتچىلەر كىيىمى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن ۋە شۇ كۈنى بىر قېتىم پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىكەن.