نورۋېگىيىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە دەل بىر يىلى توشقان كۈندە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى ھەم بۇ كۈننى خاتىرىلەش مەقسىدى بىلەن نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯜﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ
2010.07.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻧﻮﺭﯞﯨﮕﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﯨﻜﻰ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻧﻮﺭﯞﯨﮕﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﯨﻜﻰ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

كوچا يۈرۈشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نامايىشچىلار قوشۇنى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا جاراڭلىق شۇئارلارنى توۋلاپ نامايىشنى داۋاملاشتۇردى. نامايىش جەريانىدا يەنە خىتاينىڭ بايرىقى يىرتىلىپ ئەلچىخانا ئالدىغا تاشلىۋېتىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.