نورۋېگىيىدە بىر ئۇيغۇر تېررور گۇماندارى تۇتۇلدى

بۈگۈن ئەتىگەن نورۋېگىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۈچ كىشى تېررور گۇماندارى دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن ئۇيغۇر بولۇپ نورۋېگىيە پۇقراسى.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچەيلەندىن بىرسى ئۆزبېك، يەنە بىرسى ئىراق پۇقراسى بولۇپ بۇ ئۈچ نەپەر تېررور گۇماندارلىرىنىڭ بىرسى گېرمانىيىدە قولغا چۈشكەن.

تېررور گۇماندارى دەپ قولغا ئېلىنغان مەزكۇر ئۇيغۇر نورۋېگىيىگە 1999 - يىلى كىلىپ يەرلىشىپ پۇقرالىققا ئۆتكەن 39 ياشلىق كىشى بولۇپ، ساقچى تەرەپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ تەپسىلىي سالاھىيىتى ۋە شۇغۇللانماقچى بولغان تېررورلۇق قىلمىشى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە چوڭ - كىچىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان ئىنكاسى كۈچلۈك بولماقتا.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن نورۋېگىيە باش مىنىستىرى جېنس ستولتەنبېرگ ۋە ئەدىلىيە مىنىستىرى كنۇت ستوربېرگېتلەر ئۆزلىرىنىڭ يازلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ نورۋېگىيە ۋاقتى سائەت بىر يېرىمدا جىددىي ھالدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

نورۋېگىيىدە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋال نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىردىنلا جىددىيلىك پەيدا قىلدى. شۇنداقلا مەزكۇر ۋەقە نورۋېگىيىدىكى ھەر قايسى چوڭ - كىچىك ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۈچۈن بىردىنلا قىززىق تېمىغا ئايلىنىپ، ئۇلار تەرەپ - تەرەپتىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مەزكۇر ۋەقەگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى سورىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.